تەبرىك تېلېگراممىسى
تۇنجى قېتىم مارسنى تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان قوماندانلىق ئىشتابى ھەم ۋەزىپىگە قاتناشقان بارلىق يولداشلار:
پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش پەيتىدە، تيەنۋېن 1 - نومۇرلۇق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى مارسقا مۇۋەپپەقىيەتلىك قوندى، مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن سىلەرنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ۋە سىلەرگە سەمىمىي سالام يوللايمەن!
تيەنۋېن 1 - نومۇرلۇق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى مارسقا قونۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ پىلانېتىلار ئارا تەكشۈرۈش مۇساپىسىدە مۇھىم بىر قەدەم بېسىپ، يەر - ئاي سىستېمىسىدىن پىلانېتىلار ئارا ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مارستا تۇنجى قېتىم جۇڭگولۇقلارنىڭ ئىزىنى قالدۇردى، بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ ئالەم قاتنىشى ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى يەنە بىر ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىلگىرىلەش. سىلەر باتۇرلۇق بىلەن جەڭ ئېلان قىلىپ، قالتىس بولۇشقا ئىنتىلىپ، دۆلىتىمىزنى سەييارىلەرنى تەكشۈرۈش ساھەسىدە دۇنياۋى ئىلغار سەۋىيە قاتارىغا كىرگۈزدۈڭلار، ۋەتەن ۋە خەلق سىلەرنىڭ قالتىس تۆھپەڭلارنى مەڭگۈ ئەستە ساقلايدۇ!
سىلەرنىڭ غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، مارسنى كۆزىتىش، ئىلمىي تەكشۈرۈشنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ ۋە ياخشى يولغا قويۇپ، پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سەييارىلەرنى تەكشۈرۈش قاتارلىق ئالەم قاتنىشىدىكى مۇھىم، زور قۇرۇلۇشلارنى كۆڭۈل قويۇپ ئالغا سىلجىتىپ، ئالەم قاتنىشى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئالەمنىڭ سىرى ئۈستىدە ئىزدىنىدىغان، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئالىيجاناب ئىشلار ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن!
شى جىنپىڭ
2021 - يىلى 5 - ئاينىڭ 15 - كۈنى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى 5 - ئاينىڭ 15 - كۈنى سائەت 7دىن 18 مىنۇت ئۆتكەندە، تيەنۋېن 1 - نومۇرلۇق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى مارستىكى ئوتوپىيە تۈزلەڭلىكىنىڭ جەنۇبىدىكى ئالدىن تاللانغان قونۇش رايونىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك قوندى، بۇنىڭ بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى قېتىم مارسنى تەكشۈرۈش ۋەزىپىسى بويىچە مارسقا قونۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن تۇنجى قېتىم مارسنى تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان قوماندانلىق ئىشتابى ھەم ۋەزىپىگە قاتناشقان بارلىق يولداشلارنى قىزغىن تەبرىكلىدى ۋە ئۇلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى.
شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: تيەنۋېن 1 - نومۇرلۇق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى مارسقا قونۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ پىلانېتىلار ئارا تەكشۈرۈش مۇساپىسىدە مۇھىم بىر قەدەم بېسىپ، يەر - ئاي سىستېمىسىدىن پىلانېتىلار ئارا ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مارستا تۇنجى قېتىم جۇڭگولۇقلارنىڭ ئىزىنى قالدۇردى، بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ ئالەم قاتنىشى ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى يەنە بىر ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىلگىرىلەش. سىلەر باتۇرلۇق بىلەن جەڭ ئېلان قىلىپ، قالتىس بولۇشقا ئىنتىلىپ، دۆلىتىمىزنى سەييارىلەرنى تەكشۈرۈش ساھەسىدە دۇنياۋى ئىلغار سەۋىيە قاتارىغا كىرگۈزدۈڭلار، ۋەتەن ۋە خەلق سىلەرنىڭ قالتىس تۆھپەڭلارنى مەڭگۈ ئەستە ساقلايدۇ!
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: سىلەرنىڭ غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، مارسنى كۆزىتىش، ئىلمىي تەكشۈرۈشنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ ۋە ياخشى يولغا قويۇپ، پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سەييارىلەرنى تەكشۈرۈش قاتارلىق ئالەم قاتنىشىدىكى مۇھىم، زور قۇرۇلۇشلارنى كۆڭۈل قويۇپ ئالغا سىلجىتىپ، ئالەم قاتنىشى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئالەمنىڭ سىرى ئۈستىدە ئىزدىنىدىغان، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئالىيجاناب ئىشلار ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن!
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ بېيجىڭ ئالەم قاتنىشى ئۇچۇشنى كونترول قىلىش مەركىزىدە تيەنۋېن 1 - نومۇرلۇق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىنىڭ مارسقا قونۇش ئەھۋالىنى كۆردى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ خې نەق مەيداندا شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىنى ئوقۇدى.
دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى قېتىم مارسنى تەكشۈرۈش ۋەزىپىسى 2016 - يىلى تۈر قىلىپ تۇرغۇزۇلغان بولۇپ، بىر قېتىملىق ۋەزىپە ئارقىلىق مارسنى ئايلىنىش، قونۇش ۋە كۆزىتىپ تەكشۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش پىلانلانغان. تيەنۋېن 1 - نومۇرلۇق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى 2020 - يىلى 7 - ئاينىڭ 23 - كۈنى خەينەن ۋېنچاڭدا چاڭجېڭ 5 - نومۇر توشۇغۇچى راكېتا ئارقىلىق مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى، 2021 - يىلى 2 - ئاينىڭ 10 - كۈنى مارسنى مۇۋەپپەقىيەتلىك نىشانلاپ، دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى مارس سۈنئىي ھەمراھىغا ئايلاندى، 2 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى مارستىكى توختاش ئوربىتىسىغا كىرىپ، تەخمىنەن ئۈچ ئاي ئايلىنىپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، مارسقا ئوڭۇشلۇق قونۇشقا ئاساس سالدى. تيەنۋېن 1 - نومۇرلۇق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىنىڭ مارسقا مۇۋەپپەقىيەتلىك قونۇشى دۆلىتىمىزنىڭ يەر شارى سىرتىدىكى سەييارىگە تۇنجى قېتىم تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىنى قوندۇرۇشى بولۇپ، دۆلىتىمىز مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا مارسقا تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىنى قوندۇرغان 2 - دۆلەتكە ئايلاندى. جۇڭگو دۆلەت ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى ياۋروپا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى، ئارگېنتىنا، فىرانسىيە، ئاۋسترىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا ئالەم قاتنىشى تەشكىلاتلىرى ۋە دۆلەتلىك ئالەم قاتنىشى ئاپپاراتلىرى بىلەن ئالاقىدار تۈر ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇردى، ئۇلار بىرلىكتە ئالەمنىڭ سىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش، مارسنىڭ ئۆزگىرىشىگە بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ھاياتلىقنىڭ بارلىققا كېلىش مەنبەسىنى چۈشىنىش قاتارلىقلار ئۈچۈن ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى قوشىدۇ.