خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14 - ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قازاقىستان زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى توربېكىتىنىڭ 13- چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، زۇڭتۇڭ توقايېۋ شۇكۈنى يەر مۇناسىۋىتى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى تەستىقلاپ، چەتئەللىكلەرگە يېزا ئىگىلىك يېرىنى ئىجارىگە بېرىش ۋە سېتىش قاتتىق چەكلىگەن.
تۈزىتىش لايىھەسىگە ئاساسەن، قازاقىستاندا ھەرقانداق شەخس ۋە ئورۇننىڭ چەتئەل پۇقرالىرى، چەتئەل شىركەتلىرى، چەتئەل مەبلىغىدىن پاي قوشقان قازاقىستان شىركەتلىرى، دۆلەت تەۋەلىكى يوق زاتلار، خەلقئارا تەتقىقات مەركەزلىرى ۋە قازاقىستانغا بېرىپ ئولتۇراقلاشقان، ئەمما قازاقىستان تەۋەلىكىگە ئېرىشەلمىگەن چەتئەللىك قازاقلارغا يېزا ئىگىلىك يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى بىلەن تەمىنلەش مەنئى قىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، چەتئەل پۇقرالىرى ۋە چەتئەل مەبلىغى پاي قوشقان شىركەتلەر ئىجارىگە ئالغان قازاقىستان يېزا ئىگىلىك يېرىنىڭ ئىجارە مۇددىتىنى ئۇزارتىشقا بولمايدۇ.
قازاقىستان يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، قازاقىستان تەۋەسىدە تەخمىنەن 93 مىڭ گېكتار يېزا ئىگىلىك يېرى يەتتە شېرىك كارخانا ۋە ئىككى چەتئەل شىركىتى تەرىپىدىن ئىجارە ئېلىنغان، ئىجارە توختامىنىڭ مۇددىتى ئەڭ كېچىككەندىمۇ 2025- يىلى توشىدىكەن. توختام مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، يەر دۆلەت ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈۋېلىنىدۇ. قازاقىستان ھۆكۈمىتى 2016- يىلى يېزا ئىگىلىك يېرىنى سېتىش ۋە ئۆتۈنۈپ بېرىشنى ۋاقتىنچە توختىتىش پەرمانىنى ئېلان قىلغان ئىدى، ئۇ پەرمان بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا كۈچتىن قالىدۇ، شۇڭا ھۆكۈمەت مەخسۇس كومىتېت تەشكىللەپ يۇقىرىقى پەرمانلارغا تۈزىتىش كىرگۈزدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ