«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 7-مارت ئۈرۈمچى شەھەرلىك 17-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7-يىغىنى ئېچىلدى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەخمەتجان ئاقنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا مەمتىمىن قادىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقلىقىدىن بەرگەن ئىستىپاسىنى قوبۇل قىلىش توغرىسىدا قارار چىقىرىلدى.
يىغىن شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مۇدىرلار يىغىنىنىڭ ياقۇپ پەيدۇللانى مۇئاۋىن شەھەر باشلىقىلىققا، مۇۋەققەت شەھەر باشلىقىلىققا تەيىنلەشنى قارار قىلىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپىنى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى.
يىغىندا يەنە كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە ۋەزىپىدىن قالدۇرۇشقا دائىر باشقا ئىشلار قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ