6-مارت، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى دۆلەتمەن كەمىك ئۆزى ئېلىپ كەلگەن تەكلىپ ئۈستىدە توختالغاندا مۇنداق دېدى: «دۆلەتنىڭ تاشقورغان ئايرودۇرۇمىدا ئاۋىياتسىيە پورتى تەسىس قىلىشنى قوللاپ، ئاۋىياتسىيە پورتىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى دۆلەتنىڭ ‹14-بەش يىللىق› پورت تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، چېگرا رايون ۋە مىللىي رايونلارنىڭ سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.
2022-يىل 12-ئايدا، شىنجاڭدىكى تۇنجى يۇقىرى ئېگىزلىك ئايرودۇرۇمى— تاشقورغان قونجىراپ ئايرودۇرۇمىدا رەسمىي قاتناش باشلىنىپ، تاشقورغاننىڭ «تىرانسپورت قىيىن بولۇش، سەپەرگە چىقىش قىيىن بولۇش» مەسىلىسى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنىپلا قالماي، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى ۋە جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىغا سىڭدۈرۈلۈپ، ئېچىۋېتىلگەن ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ