مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزالىرى بېيجىڭغا يېتىپ كەلدى

2023.03.04 16:56 مەنبە: خەلق تورى

  3-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن، 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىغا قاتنىشىدىغان شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بېيجىڭغا يېتىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن، 2023-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتنىشىدىغان شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى بېيجىڭغا يىغىلىپ بولدى.

  خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئادا قىلىش ئۈچۈن، ۋەكىللەر، ئەزالار بېيجىڭغا كېلىشتىن بۇرۇن ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنى ئاڭلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەۋسىيە- تەكلىپ-پىكىرلەرنى سۇنۇشقا كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىق قىلدى.

  «مەن يۇرتداشلارنىڭ تاپشۇرۇقى ۋە ئارزۇسىنى ئېلىپ بېيجىڭغا يىغىنغا قاتناشقىلى كەلدىم، بۇ يىل بىز يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش جەھەتتىكى يېڭى تەدبىر، يېڭى سىياسەتلەرگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىمىز» دېدى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى رۇقىيەم مەتسەيدى، ئۇنىڭ چىرايىدىن ئىشەنچ ۋە مەردانىلىك چىقىپ تۇراتتى. ئۇ ئۇدا 13-، 14ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلىنىپ، زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلدى. ئۇيەنە مۇنداق دېدى : «مەن چوقۇم يۇرتداشلارنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، ۋەكىللىك مەسئۇلىيىتىمنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ۋەكىللىك رولۇمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خەلقنىڭ ياخشى< ۋاكالەتچىسى>بولىمەن».

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى زويا باقىت ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «ئازرۇلۇق مەنزىل»نى «ھەقىقىي ئالتۇن ـ كۈمۈش»كە ئايلاندۇرۇشتەك جانلىق ئەمەلىيىتىگە گۇۋاھچى بولدى. «مەن پۇقرالارنىڭ ساياھەتتىن كىرىم قىلىپ، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرگەنلىك ھېكايىسىنى <ئىككى يىغىن>غا ئېلىپ كېلىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىمەن»دىدى ئۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى دىلنار ئابدۇللا شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئۇزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تىرىشتى، ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان نۇرغۇن تەكلىپ لايىھەلىرى قوبۇل قىلىندى. دىلنار ئابدۇللا ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى پائال مۇھاكىمە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ياخشى ئوبرازىنى نامايەن قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزالىرى تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن يىغىننىڭ ئېچىلىشىغا تەقەززا بولدى. ۋەكىللەر، ئەزالار بىردەك مۇنداق دېيىشتى: بىز مەسئۇلىيىتىمىزنى پائال ئادا قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پۈتكۈل جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسى ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ