مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تارباغاتايدىكى بارمىقى ئۈزۈلۈپ كەتكەن ئوغۇلنىڭ ئوپېراتسىيەسى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى!

2023.02.13 14:26 مەنبە: خەلق تورى

  بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا خەلق ساقچىسىنىڭ يول باشلاپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان تارباغاتايدىكى 13 ياشلىق ئوغۇل توغرىسىدىكى قىسقا فىلىم تورنى بىر ئالدى.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ئوغۇل ئاتا-ئانىسىغا ياردەملىشىپ ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىنى قىلىۋاتقاندا ئېھتىياتسىزلىقتىن يانجىش ماشىنىسىئوڭ قولىنىڭ چىمچىلاق بارمىقىنى ئۈزۈۋەتكەن، شۇ جايدىكى دوختۇر بالىنى ئەڭ ياخشىسى ئىككى سائەت ئىچىدە ئۈرۈمچىدىكى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىتىش كېرەك، دېگەن. ئەڭ ياخشى قۇتقۇزۇش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈپ قويۇشتىن ئەنسىرىگەن ئاتا-ئانا دوختۇرخانىغا بېرىش يولىدا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قاتناش ساقچىسىدىن ياردەم تەلەپ قىلغان.

  2-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 19 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەن ۋاقىت بالىنىڭ دادىسى لى ئەپەندىنىڭ ئېسىگە ئورناپ كەتكەن. چۈنكى ئۇ شۇ چاغدا ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيول تارماق ئەترىتى قوماندانلىق مەركىزىگە تېلېفون بېرىپ:«بالامنىڭ بارمىقى ئۈزۈلۈپ كەتتى، دوختۇرخانا ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارمىقىدىكى 2-دوختۇرخانىغا بېرىشنى تاپىلىدى، بىز ھازىر تۇدۇڭخابا ھەق ئېلىش پونكىتىغا كېلەي دەپ قالدۇق، ۋاقىتنى كېچىكتۈرۈپ قويۇشتىن ئەنسىرەۋاتىمىز، قاتناش ساقچىسىنىڭ ياردەم قىلىپ قوغداپ بېرىشىنى سورايمىز!» دېگەن.

  ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن قوماندانلىق مەركىزى دەرھال يېقىن ئەتراپتىكى ئۈرۈمچى غەربىييول چوڭ ئەترىتىنىڭ ساقچىلىرىنى G30(دۆلەت يولى 30-لىنىيەسى) ليەنيۈنگاڭ-قورغاس يۇقىرى سۈرەتلىك تاشيولى تۇدۇڭخابا ھەق ئېلىش پونكىتىدا بىمارنى كۈتۈۋېلىشنى بۇيرۇدى، سائەت 19 دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە لى ئەپەندىنىڭ ئاپتوموبىلى ساقچى ئاپتوموبىلى بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇچۇرنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن، ساقچىلار تېز سۈرئەتتە دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى. قاتناشنىڭ يۇقىرى پەللىسى مەزگىلى بولغاچقا شەھەر رايونىدا ئاپتوموبىللار كۆپ بولۇپ، يول بويى ساقچىلار توختىماي توۋلاپ، كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق ماسلىشىشى بىلەن سائەت 20 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە ئاپتوموبىل دوختۇرخانىغا يېتىپ كەلدى، ساقچىلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن بىرلىكتە بالىنى جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە ئېلىپ باردى.

  يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قاتناش ساقچىلىرىنىڭ قوغدىشى، يول بويىدىكى شوپۇرلارنىڭ پائال ماسلىشىشى ۋە تېببىي خادىملارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا ئوپېراتسىيە ئوڭۇشلۇق بولدى. مەسئۇل دوختۇر «دوختۇرخانىغا ۋاقتىدا ئېلىپ كەپتۇ، قاتناش ساقچىلىرى يول ئېچىپ بالىنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى قولغا كەلتۈرۈپتۇ، ھازىرچە ئوپېراتسىيە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، بالىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!» دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ