مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭدىن چىقىدىغان چوڭ يولدا بۇ يىل قاتناش باشلىنىدۇ!

2023.02.10 14:49 مەنبە: خەلق تورى

  2-ئاينىڭ 5-كۈنى قۇمۇل شەھەر رايونىغا 100 نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان يامانسۇ كان رايونى ئۆلكە يولى 245-لىنىيەسىنىڭ قۇمۇلدىن دۇنخۇاڭغىچە بولغان تاشيول قۇرۇلۇشى تۈرى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.

  بۇ تۈرنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 186.187 كىلومېتىر، لايىھەلەنگەن سائەتلىك سۈرئىتى 80 كىلومېتىر، باشلىنىش نۇقتىسى قۇمۇل شەھىرىدىكى بىڭتۈەن-يەرلىك بىرلىشىش يولىنى ئەرداۋخۇ يول ئېغىزىغا تۇتاشتۇرىدۇ، ئۆلكە يولى 328-لىنىيەسى ۋە قۇرۇلۇۋاتقان 312-دۆلەت يولى ئارقىلىق ساچۈەنزىدىن دۇڭيەنخۇغىچە بولغان تاشيولدىن ئۆتىدۇ، ئاخىرقى نۇقتىسى شىنجاڭ-گەنسۇ چېگراسىدا گەنسۇ ئۆلكىسى پىلانلىغان ئۆلكە يولى 240-لىنىيەسى بىلەن تۇتىشىدۇ.

  بۇ تۈردە بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا پۈتۈپ قاتناش باشلاش پىلانلاندى، پۈتكەندىن كېيىن شىنجاڭدىن چىقىدىغان يېڭى چوڭ يولغا ئايلىنىپ، قۇمۇل شەھىرى بىلەن دۇنخۇاڭ شەھىرىنى تۇتاشتۇرىدۇ، قاتناش مۇساپىسى تەخمىنەن 100 كىلومېتىر قىسقىرايدۇ.

  2-ئاينىڭ 5-كۈنى، بۇ تۈرنىڭ 2-بۆلەك قۇرۇلۇشىنى ئۈستىگە ئالغان جۇڭگو قاتناش 1-تاشيول ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئۆلكە يولى 245-لىنىيەسى قۇمۇل-دۇنخۇاڭ قۇرۇلۇش تۈرى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى جاڭ شياۋبو تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ تۈردە 10 ئايدىن كۆپرەك قۇرۇلۇش قىلىش ئارقىلىق يول ئۇلى قۇرۇلۇشى ۋە كۆۋرۈك-سۈڭگۈچ قۇرۇلۇشى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى، ھازىر يول يۈزى قۇرۇلۇشى باسقۇچىغا كىردى.

  9-ئايدا قۇرۇلۇشنى تاپشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تۈر بۆلۈمى تەپسىلىي قۇرۇلۇش پىلانى تۈزدى. ھازىر ھەر قايسى مەشغۇلات ئەترەتلىرى ئىش ئورنىغا كېلىپ بولدى، نەق مەيداندا 20 يۈرۈش قۇرۇلۇش ماشىنا-ئۈسكۈنىلىرى ئىش باشلىدى. مۆلچەرلىنىشىچە، 3-ئاينىڭ ئاخىرىدا يول يۈزى قۇرۇلۇشى باشلىنىدۇ، 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا يول يۈزىنىڭ سېمونت ئارقىلىق شېغىل قاتۇرۇش قەۋىتى قۇرۇلۇشى تاماملىنىدۇ، 8-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئاسفالت يېيىتىش تاماملىنىدۇ».

  بۇ يىل ئاپتونوم رايون ۋە قۇمۇل شەھىرىنىڭ 17 نۇقتىلىق قاتناش قۇرۇلۇشى تۈرى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە داۋاملىق قۇرۇلۇش قىلىنىدىغان تۈر 10، بۇ يىل 2 مىليارد 278 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، ليەنيۈنگاڭ-قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى (دۆلەت يولى 30-لىنىيەسى) نىڭ قۇمۇلدىن تۇيۇققىچە بولغان بۆلىكىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى، ئۆلكە يولى 238-لىنىيەسىنىڭ شيالوبادىن قىزىلتاغ ئېغىزىغىچە بولغان تاشيولى، ئۆلكە يولى 328-لىنىيەسىنىڭ يەندۇندىن ساركۆلگىچە بولغان تاشيولىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى قاتارلىق يەتتە يېڭى قۇرۇلۇش تۈرى تاماملىنىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل 2 مىليارد 95 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ