مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«كېيىنكى مېسسى» بولۇش ئۈچۈن يۈگۈرەيمەن!

شىنجاڭ قەشقەردە ھەممە كەنتتە پۇتبول كوماندىسى بار

2022.12.20 23:22 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  «مېسسى ئاكا، غەيرەت قىلىڭ!»

  «مېسسى ئاكا، مەن ئېسىڭىزدىمۇ؟ مەن 2017-يىلى سىز جۇڭگوغا كەلگەندە كۆرگەن ھېلىقى شىنجاڭلىق ئوغۇل بالا.»

  قاتار دۇنيا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدىن ئىلگىرى، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەسىدە ئولتۇرۇشلۇق ئابدۇخالىق ھەمدۇللا ھاياجانلانغان ھەم جىددىيلەشكەنىدى، ئۇ مېسسى ئۆز قولى بىلەن سوۋغا قىلغان توپ كىيىمىنى كىيىپ، ياقتۇرىدىغان چولپىنىغا مەدەت بەردى.

  بۇ توپ كىيىمىنى ئۇ بەش يىل ئەزىزلەپ ساقلىدى.

  ئابدۇخالىق ھەمدۇللا بىلەن مېسسىنىڭ ھېكايىسىنى پۇل يىغىپ پۇتبول سېتىۋېلىشتىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇ چاغدا باشلانغۇچ 2-يىللىقتا ئوقۇيدىغان ئابدۇخالىق ھەمدۇللا پۇتبولنى بەك ياخشى كۆرەتتى، ئۇ ئۆزىنىڭ پارچە پۇللىرىنى بىر يۈەن، بىر يۈەندىن توپتوغرا ئىككى يىل يىغقانىدى، ئۇ قېلىن بىر تۇتام پۇرلىشىپ كەتكەن پارچە پۇلنى ئۆزىنىڭ تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسىغا تاپشۇرۇپ، مۇئەللىمدىن ناھىيە بازىرىغا بېرىپ ياخشىراق پۇتبول ئېلىپ بېرىشنى ئۆتۈندى.

  «بەك تەسىرلەندىم، پۇتبولنى سۆيىدىغان مۇشۇنداق بالىلارنىڭ كۆپلەپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.» مۇئەللىم دوستلار چەمبىرىكىگە مۇنداقلا يوللاپ قويغان مەزمۇن ئويلىمىغان يەردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا قىزىپ كەتتى، چېگرا رايوندىكى يېزا-كەنتلەردىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ پۇتبولغا بولغان قىزغىنلىقى نۇرغۇن كىشىلەرنى تەسىرلەندۈردى.

  2017-يىلى، مېسسى جۇڭگوغا كېلىپ پائالىيەتكە قاتناشتى، پۇتبول تاراتقۇلىرىدىكى خادىملارنىڭ ياردىمىدە، ئۇ ئامراق چولپىنىنى كۆردى، مېسسى ئۆز قولى بىلەن ئىمزا قويغان پۇتبول ۋە توپ كىيىمىگە ئېرىشتى، مېسسى يەنە ئۇنى ئىللىق، كۈچلۈك قۇچاقلاپ قويدى.

  ئابدۇخالىق ھەمدۇللا مېسسىنى مەبۇد دەپ بىلىدۇ، ئۇ: «مېسسى مۇسابىقە مەيدانىدا، ھەرۋاقىت پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىدۇ. مەن ئامراق چولپىنىمدىن تىرىشىپ ۋاز كەچمىسەملا، ئالغا باسالايدىغانلىقىمنى ئۆگىنىۋالدىم، ھازىر مېنىڭ ئۆگىنىشىمدىمۇ زور ئىلگىرىلەش بولدى» دېدى.

  14 ياشلىق ئابدۇخالىق ھەمدۇللا مېسسى سوۋغا قىلغان توپ كىيىمىنى كىيىپ، ئۇ سوۋغا قىلغان پۇتبولنى قولىغا ئالدى.

  بەش يىل ئۆتۈپ كەتتى، ئابدۇخالىق ھەمدۇللا 14 ياشلىق تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ قالدى، ئۇ ئېگىز، قاۋۇل ئىدى. ئەينى يىلى مېسسى ئۇنىڭغا سوۋغا قىلغان ئىمزالىق توپ كىيىمى ھازىر دەل كېلىدىغان بولدى.

  ئابدۇخالىق ھەمدۇللانىڭ ھازىر يېڭى ئارزۇسى بار: «دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مەن سىزنى ۋە ئائىلىڭىزدىكىلەرنى يۇرتۇمغا كېلىپ مېھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلىمەن، يۇرتۇمدا پۇتبولنى ياخشى كۆرىدىغان نۇرغۇن كىشىلەر بار، يەنە ناھايىتى يېيىشلىك ياڭاق ۋە ئانار بار.»

  قەشقەردە ئابدۇخالىق ھەمدۇللادەك پۇتبولنى قىزغىن سۆيىدىغان بالىلار ناھايىتى كۆپ.

  قەشقەر ۋىلايەتلىك تەنتەربىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ئادىل يۇنۇس مۇنداق دېدى: «پۇتبول ھەرىكىتىگە قەشقەر ۋىلايىتىدە ئاممىنىڭ قاتنىشىش دەرىجىسى يۇقىرى، كەيپىياتى قويۇق، ھازىر دائىم پۇتبول پائالىيىتىگە قاتنىشىدىغان ياشلار-ئۆسمۈرلەر 82 مىڭدىن ئاشىدۇ، ھەر بىر كەنتتە پۇتبول كوماندىسى بار.» دەل مۇشۇنداق قويۇق پۇتبول كەيپىياتى سەۋەبىدىن، قەشقەر ۋىلايىتىدە نۇرغۇن بالىلار ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىپ، داڭلىق توپچىغا ئايلاندى. مەسىلەن، شىنجاڭدىكى تۇنجى دۆلەت پۇتبول كوماندىسى ئەزاسى مۇرەخمەتجان مۇزەپپەر دەل قەشقەردىن، قەشقەر شەھىرى شامالباغ بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوغۇلبالىلار پۇتبول كوماندىسى، توردىكى پۇتبول چولپىنى «ئۇچقۇر پۇت نۇرمەمەت»...

  ئۇلار پۇتبولنى قىزغىن سۆيگەنلىكى ئۈچۈن تىرىشماقتا، «كېيىنكى مېسسى» بولۇش ئۈچۈن توپ مەيدانىدا قەتئىيلىك بىلەن مەشىق قىلماقتا، يۈگۈرمەكتە.

  «مەيلى مېسسى ئۇتسۇن ياكى ئۇتتۇرسۇن، مەن ئوخشاشلا ئۇنى ياخشى كۆرۈمەن» __ ئابدۇخالىق ھەمدۇللا بۇرۇنقىدەكلا ئۆزىنىڭ ئامراق چولپىنىغا مەدەت بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ