خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە ئاخبارات ئىشخانىسى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى رابىيە ئابدۇراخمان ھامىلىدار-تۇغۇتلۇق ئاياللارغا مۇلازىمەت قىلىش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.
يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، خوتەن ۋىلايىتى ھامىلىدار-تۇغۇتلۇق ئاياللارنى باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يۇقۇم مەزگىلىدە ھامىلىدار-تۇغۇتلۇق ئاياللار ۋە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى قۇتقۇزۇش-داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنى مەخسۇس قۇرۇپ، «مەھەللە + 120 قوماندانلىق مەركىزى + دوختۇرخانا»دىن ئىبارەت كېسەل كۆرسىتىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ھامىلىدار-تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ كېسەل كۆرسىتىش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇردى ھەم جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ ۋىلايەت، ناھىيە دەرىجىلىك 20 جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش، تۇغۇتقا ياردەم بېرىش ئاپپاراتىدا ھامىلىدار-تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ مەسلىھەت سوراش، كېسەل كۆرسىتىش مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى نومۇرىنى ئېلان قىلىپ، توردا ئالدىن كېلىشىپ كېسەل كۆرسىتىش سۇپىسىنى ئېچىپ، تۇغۇت-بالىلار بۆلۈمى ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھامىلىدار-تۇغۇتلۇق ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ساقلىقىنى ساقلاشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىنچىكە ياخشى ئىشلەپ، ئانا-بالىلار بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى ساقلىدى.
رابىيە ئابدۇراخمان مۇنداق دېدى: «بىز يېزا-بازار (كوچا باشقارمىسى)نى بىرلىك قىلىپ ھامىلىدار-تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ئۈندىدار توپىنى قۇردۇق ھەمدە مەخسۇس ئالاقە دوختۇرى سەپلەپ، ھەر ۋاقىت مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدۇق. كۆپچىلىك ئەگەر ئېھتىياجلىق بولساڭلار ۋاقتىدا ئالاقىلىشىڭلار، مەخسۇس ئالاقە دوختۇرى ھامىلىدار، تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن ساقلىقنى ساقلاشقا يېتەكچىلىك قىلىدۇ ياكى زۆرۈر داۋالىنىش مۇلازىمىتىنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. بىز يەنە ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرغانلارغا كۈندىلىك تاماق قېتىم سانىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەر خىل يېمەكلىكلەرنى ماسلاشتۇرۇپ قوبۇل قىلىپ، يېمەك-ئىچمەكنىڭ مايسىز بولۇشىنى داۋاملاشتۇرۇپ، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ، ياخشى كەيپىياتنى ساقلاپ، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرى بىلەن كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كەيپىيات ۋە بېسىمنى ۋاقتىدا پەسەيتىش تەكلىپى بېرىمىز.»
ھامىلىدار-تۇغۇتلۇق ئاياللار مەسىلىگە يولۇقسا، خالىغان ۋاقىتتا ھامىلىدار-تۇغۇتلۇق ئاياللار مۇتەخەسسىسلىرىگە تېلېفون بېرىپ مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ: خوتەن شەھىرى 13399033151، خوتەن ناھىيەسى 17799036363، قاراقاش ناھىيەسى 18197808555، گۇما ناھىيەسى 15809035604.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ