مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۈرۈمچى شەھىرى تېخىمۇ قەتئىي، كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ يوقىتىش جېڭى قىلىپ، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نۆللەشتۈرۈش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى قولغا كەلتۈرىدۇ

2022.11.23 02:59 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جېڭ دېلۇ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يۇقۇم ئەڭ يېڭى ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.

  جېڭ دېلۇ مۇنداق دېدى: كەڭ شەھەر ئاھالىسى دوستلارنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى، زىچ ماسلىشىشى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىيىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى، كۈندە يېڭىدىن كۆپەيگەن مۇسبەت يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى مۇقىم تۆۋەنلەشكە باشلىدى، تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان دائىرە ئۈزلۈكسىز تارىيىپ، ئۇدا نەچچە كۈن يېڭىدىن كۆپەيمىگەن ئولتۇراق رايونلار تەدرىجىي كۆپەيدى. ئىلگىرىكى مۇسبەت يۇقۇملانغۇچىلار ۋە زىچ ئۇچراشقانلار قىسقا مۇددەتلىك داۋالاش ياكى مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىش ئارقىلىق ئارقا-ئارقىدىن ئۆيىگە قايتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە پائال ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

  ئۈرۈمچى شەھىرى تېخىمۇ قەتئىي، كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، يوقىتىش جېڭى قىلىپ، خىزمەت سالمىقىنى زورايتىپ، قەدەمنى تېزلىتىپ، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نۆللەشتۈرۈش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى قولغا كەلتۈرىدۇ. خىزمەت داۋامىدا ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرىدىغان 20 تۈرلۈك تەدبىر بىلەن «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى دىياگنوز قويۇپ داۋالاش لايىھەسى (9-نەشرى)»نى تەرتىپلىك جىپسىلاشتۇرۇشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، سىياسەتنىڭ مۇھىم مەزمۇنىنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيەت تەلىپىنى ئىگىلەپ، مەشغۇلات تەرتىپى ۋە ئۆلچىمىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، سىياسەتتە خاتا چۈشىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تۈرلۈك ئەلالاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ مۇكەممەل بولۇشى، دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ