خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 4-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۇچقۇچىلىققا ئىمتىھان بېرىشكە قىزىقىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا خۇش خەۋەر كەلدى.
2023-يىلى، جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە پاي چەكلىك شىركىتى (قىسقارتىلىپ خەلقئارا ئاۋىياتسىيەسى دېيىلىدۇ) جۇڭگو ئاۋىياتسىيە داشۆسى بىلەن شىنجاڭ رايونىدا ھەمكارلىشىپ مەكتەپ-كارخانىلارنىڭ بىرلىشىپ ئۇچقۇچىلىققا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، تىزىملىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى، تىزىملىتىش 11-ئاينىڭ 1-كۈنى رەسمىي باشلاندى.
قايسى كىشىلەر ئىمتىھانغا تىزىملاتسا بولىدۇ؟
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 2023-يىللىق مەملىكەتلىك ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىر تۇتاش ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلار (ئوغۇللار بىلەن چەكلىنىدۇ) نىڭ ھەممىسى تىزىملاتسا بولىدۇ، ئىنگلىز تىلى تۈرى بىلەن چەكلىنىدۇ، بۇ يىل ۋە ئىلگىرىكى يىللاردا ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەرگە چەك قويۇلمايدۇ، يېشى 16 دىن 20 ياشقىچە بولغان (2023-يىل 8-ئاينىڭ 31-كۈنى بويىچە ھېسابلىنىدۇ)، توي قىلمىغان، بىر قەدەر ياخشى ئىنگلىز تىلى ئاساسىغا ئىگە، ھەرقايسى پەنلەرنىڭ نەتىجىسى بىردەك ياخشىدىن يۇقىرى بولغانلار تىزىملاتسا بولىدۇ.
ئىمتىھان بېرىشنى خالايدىغان ئوقۇغۇچىلار بۈگۈندىن باشلاپ تىزىملىتىش تور ئادرېسى (gaokao.chsi.com.cn/gkzt/mhzf) غا كىرىپ، «خەلق ئاۋىياتسىيە ئۇچقۇچىسى» ئىچىدىكى «تىزىملىتىشقا كىرىش ئېغىزى» دېگەننى بېسىپ تىزىملاتسا بولىدۇ.
ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلار تۆۋەندىكى مەسلىھەت سوراش ئۇسۇلى ئارقىلىق مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ:
خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ ئۇچقۇچىلىققا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى: 3778832-0991، ئېلخەت ساندۇقى: yelei@airchina.com ، (يۇقۇم مەزگىلىدە ئېلخەت ساندۇقى ئارقىلىق مەسلىھەت سوراڭ)
جۇڭگو ئاۋىياتسىيە داشۆسى: 24092508-022، 24092126-022.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى