خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 4-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 2-كۈنى كەچتە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇم مۇداپىئە-تىزگىن خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇم مۇداپىئە-تىزگىن خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى يۇقۇم مۇداپىئە-تىزگىن گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى سۈي يەن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇم مۇداپىئە-تىزگىنىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.
ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يۇقۇم ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلىنىپ، يۇقۇم مۇداپىئە-تىزگىن ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا دەسلەپكى ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى. 11-ئاينىڭ 1-كۈنى تۇرپان شەھىرى نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى تەدرىجىي تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈردى، شىخو شەھىرى، غۇلجا شەھىرى، كورلا شەھىرىدە بىر كۈندە يېڭىدىن كۆپەيگەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى سىجىل تۆۋەنلىدى. ئۈرۈمچى شەھىرىدە يۇقۇمنىڭ تارقىلىش خەۋپ-خەتىرى يەنىلا بىرقەدەر يۇقىرى بولۇپ، تۈرلۈك مۇداپىئە-تىزگىن تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.
كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونىمىز 9-نۇسخىدىكى مۇداپىئە-تىزگىن لايىھەسى ۋە دىياگنوز قويۇش-داۋالاش لايىھەسىنى داۋاملىق قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىدۇ. جايلارنىڭ يۇقۇم مۇداپىئە-تىزگىن ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكەت لايىھەسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شۇ جاينىڭ نۇقتىلىق رايونلىرىدا خېسۈەن تەكشۈرۈشىدە يەككە تەكشۈرۈش ۋە ئارىلاشتۇرۇپ تەكشۈرۈش نىسبىتى ۋە قېتىم سانىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، «يىغىش، يوللاش، تەكشۈرۈش، مەلۇم قىلىش» ۋاقتىنى قىسقارتىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكەت نىشانىغا ماس كېلىدىغان خېسۈەن تەكشۈرۈشنىڭ سۈپەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ ئايرىش بايلىقى ۋە يۆتكەش كۈچىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، مۇسبەت يۇقۇملانغۇچىلارنى يۆتكەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يۆتكەشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق يۆتكەش، ئايرىۋېتىشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق ئايرىش كېرەك؛ ئايرىش نۇقتىسى، فاڭساڭ دوختۇرخانىسى ۋە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىلارنى باشقۇرۇش-كاپالەتلەندۈرۈش سالمىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، فاڭساڭ دوختۇرخانىسىدىن چىقىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان خادىملارنى يۆتكەپ چىقىرىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ياتاق-تاماق تەمىناتى كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ ئاممىنىڭ تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى ۋە داۋالىنىش ئېھتىياجىنى يەنىمۇ قاندۇرۇپ، تۈرلۈك تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى تۈرىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىشى، داۋالىنىشىغا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىپ مۇلازىمەت قىلىش كېرەك؛ ئوتتۇرا، تۆۋەن خەتەرلىك رايونلارنى تېخىمۇ توغرا ئايرىپ، يۇقۇمسىز ئولتۇراق رايون بەرپا قىلىش خىزمىتىنى تېزلىتىپ، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى تەدرىجىي تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ