مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭنىڭ يۇقۇم ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى بولۇپ، يۇقۇم مۇداپىئە ـ تىزگىن ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا دەسلەپكى نەتىجە-ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى

2022.11.04 11:40 مەنبە: خەلق تورى

  11 ـ ئاينىڭ 2 - كۈنى كەچتە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇم مۇداپىئە ـ تىزگىن خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇم مۇداپىئە ـ تىزگىن خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى يۇقۇم مۇداپىئە ـ تىزگىن گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ـ ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى سۈي يەن شىنجاڭنىڭ يۇقۇم مۇداپىئە-تىزگىن ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

  ھازىر، ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇم ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى بولۇپ، يۇقۇم مۇداپىيە ـ تىزگىن ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا دەسلەپكى نەتىجە-ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى.11- ئاينىڭ 1 - كۈنى، تۇرپان شەھىرى نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى تەدرىجىي، تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈردى، شىخو شەھىرى، غۇلجا شەھىرى، كورلا شەھىرىدە كۈندە يېڭىدىن كۆپەيگەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى داۋاملىق تۆۋەنلىدى. ئۈرۈمچى شەھىرىدە يۇقۇمنىڭ تارقىلىش، كېڭىيىش خەۋپى يەنىلا بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، تۈرلۈك مۇداپىئە ـ تىزگىن تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.

  كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايون داۋاملىق 9ـ نۇسخىدىكى مۇداپىئە ـ تىزگىن لايىھەسى ۋە دىياگنوز قويۇش ـ داۋالاش لايىھەسىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاپا ـ مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىدۇ. ھەرقايسى جايلارنىڭ يۇقۇم مۇداپىئە ـ تىزگىن ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكەت لايىھەسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شۇ جاينىڭ نۇقتىلىق رايونلارغا ئاساسەن خېسۈەن تەكشۈرۈش بويىچە يەككە تەكشۈرۈش، ئارىلاش تەكشۈرۈش نىسبىتى ۋە قېتىم سانىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، «خېسۈەن ئەۋرىشكىسى يىغىش، يۆتكەش، تەكشۈرۈش، دوكلات قىلىش» ۋاقتىنى قىسقارتىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتى نىشانىغا ماس كېلىدىغان خېسۈەن تەكشۈرۈش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدۇ؛ ئايرىپ كۆزىتىش بايلىقى ۋە يۆتكەپ توشۇش كۈچىنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، مۇسبەت يۇقۇملانغۇچىلارنى يۆتكەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يۆتكەشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق يۆتكەش، ئايرىپ كۆزىتىشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق ئايرىپ كۆزىتىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ؛ ئايرىپ كۆزىتىش نۇقتىسى، فاڭساڭ دوختۇرخانىلىرى ۋە نۇقتىلىق دوختۇرخانىلارنى باشقۇرۇش، كاپالەتلەندۈرۈش سالمىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، فاڭساڭ دوختۇرخانىسىدىن چىقىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان خادىملارنى يۆتكەش سۈرىتىنى تېزلىتىپ، ياتاق، تاماق بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئاشۇرىدۇ؛ ئاممىنىڭ تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى ۋە داۋالىنىش ئېھتىياجىنى يەنىمۇ قاندۇرۇپ، تۈرلۈك تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ تۈرىنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىپ، ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىشى، داۋالىنىشىنى تېخىمۇ قولايلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۈۋەن خەۋپ-خەتەر رايونلىرىنى تېخىمۇ توغرا ئايرىپ، يۇقۇمسىز ئولتۇراق رايون بەرپا قىلىش خىزمىتىنى تېزلىتىپ، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى تەدرىجىي، تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ