مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تارىم نېفىتلىكى بۇ يىل سىرتقا 25 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز يەتكۈزدى

2022.11.04 11:16 مەنبە: خەلق تورى

  بۇ يىل بېشىدىن 11 - ئاينىڭ 1 – كۈنىگىچە، تارىم نېفىتلىكىدىن سىرتقا يەتكۈزۈلگەن تەبىئىي گاز 25 مىليارد كۇب مېتىرغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش تۇرۇبا تورى ئارقىلىق 20 مىليارد 900 مىليون كۇب مېتىر، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تەبىئىي گاز ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تۇرۇبا تورى ئارقىلىق 4 مىليارد 100 مىليون كۇب مېتىر گاز يەتكۈزدى.

  «بالدۇر باشلاش، بالدۇر ئورۇنلاشتۇرۇش، بالدۇر يولغا قويۇش» پىرىنسىپى بويىچە، بۇ يىل تارىم نېفىتلىكى 9ـ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىلا قىشلىق تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى باشلاش يىغىنى ئاچتى ھەمدە قىشلىق مەشغۇلات، قىشلىق تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، ناچار ھاۋا رايىغا تاقابىل تۇرۇشتىن ئىبارەت ئۈچ يۈرۈش لايىھەنى تۈزۈپ، تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، يۇقۇم مۇداپىئە ـ تىزگىن ئەھۋالى شارائىتىدا تۈرلۈك قىشلىق تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشتىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى يېڭىپ، 100 كۈن قاتتىق جەڭ قىلىش ئارقىلىق، 10-ئاينىڭ 28-كۈنى، تارىم نېفىتلىكىنىڭ يىللىق 1ـ دەرىجىلىك نۇقتىلىق قۇرۇلۇشى بوز1-گاز يىغىش پونكىتىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش، تەبىئىي گازنى سۇسىزلاندۇرۇش پونكىتى قۇرۇلۇشى ئوڭۇشلۇق ھالدا ئەسلىدىكى پىلاندىكىدىن ئىككى كۈن بۇرۇن تاماملاندى. بۇ قۇرۇلۇشنىڭ لايىھەدىكى كۈندىلىك بىر تەرەپ قىلىش مىقدارى 3 مىليون 980 مىڭ كۇب مېتىر بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن بوز رايونىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى يەنىمۇ قويۇپ بېرىلىپ، قىشلىق تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشقا يەنىمۇ ئاساس سېلىنىدۇ.

  بۇ يىل 1 - ئايدىن 10 - ئايغىچە تارىم نېفىتلىكى جەمئىي 26 مىليارد 570 مىليون كۇب مېتىر تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىپ، باسقۇچلۇق پىلاننىڭ %100.1 نى تاماملاپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 310 مىليون كۇب مېتىر ئاشۇردى، ھازىر تارىم نېفىتلىكىنىڭ كۈندىلىك تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 95 مىليون 590 مىڭ كۇب مېتىرغا يېتىپ،2021 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىدىن كۈنىگە 390 مىڭ كۇب مېتىر ئاشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ