مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ باشلىقى نۇرغۇن تۆۋەن خەۋپ-خەتەر رايونىنىڭ نورمال ئېچىۋېتىلمىگەنلىك مەسىلىسىگە ئىنكاس قايتۇردى

2022.08.25 19:14 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئاينىڭ 23-كۈنى كەچتە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا، مۇخبىرلار: «بىر قىسىم شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، تۈنۈگۈن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا نۇقتىلىق شەھەر رايونىنى تىنچ ھالەتتە باشقۇرۇشنىڭ بىكار قىلىنغانلىقى ئېلان قىلىنغان، لېكىن ھازىرغىچە نېمە ئۈچۈن خەۋپ-خەتىرى تۆۋەن نۇرغۇن رايونلار نورمال ئېچىۋېتىلمىدى؟» دەپ سورىدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقى مەمتىمىن قادىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: بىر مەزگىل تىرىشىش ئارقىلىق، گەرچە ئۈرۈمچى شەھىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە باسقۇچلۇق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن، يۇقۇم ۋەزىيىتىنى ئومۇمىي جەھەتتىن كونترول قىلغىلى بولىدىغان، ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن ۋەزىيەت يەنىلا بىر قەدەر كەسكىن، تۈرلۈك ئېنىقسىز ئامىللار ۋە يوشۇرۇن خەۋپ-خەتەر يەنىلا بىر قەدەر كۆپ.

  بىرىنچى، يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېڭىدىن كۆپەيگەن بىمار سانى ئومۇمىي جەھەتتىن تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ھەر كۈنى يېڭىدىن كۆپەيگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار يەنىلا 40 تىن ئارتۇق بولۇپ، بۇ، پۈتۈن شىنجاڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا نۇقتىلىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش رايونى ھېسابلىنىدۇ.

  ئىككىنچى، جەمئىيەتتە ھەر كۈنى يېڭىدىن بىمار پەيدا بولۇۋاتىدۇ، بىر قىسىم نۇقتىسىمان تارقىلىدىغان يۇقۇم مەنبەسى تېخى ئېنىقلانمىدى، تارقىلىش زەنجىرى ئۈزۈل-كېسىل ئۈزۈلمىدى، يۇقۇمنىڭ تارقىلىشىدا يەنىلا بىرقەدەر زور خەۋپ-خەتەر مەۋجۇت.

  ئۈچىنچى، يېقىندا قىسمەن مەھەللە خىزمەتچىلىرى، پىدائىيلار ۋە تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلغۇچىلار ئىچىدە يۇقۇملانغان بىمارلار بايقالدى، ئۇلار تۇرۇشلۇق رايوندا داۋاملىق كېسەللىك قوزغىلىش ئېھتىماللىقى يەنىلا بىر قەدەر چوڭ.

  تۆتىنچى، جەمئىيەت ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئايرىم كىشىلەر تىنچ ھالەتتە باشقۇرۇش ھالىتىدە ئۆيدىن چىقماسلىق، ئۆي ئارىلاپ يۈرمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرماي، بىر قىسىم ئولتۇراق رايوندا يېڭىدىن يۇقۇملىنىش پەيدا قىلىپ، يۇقۇم ئەھۋالى تۈگىشىنىڭ سۆرەلمە مەزگىلىنى ئۇزارتىۋەتتى.

  بەشىنچى، گوۋۇيۈەننىڭ «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش لايىھەسى (9-نۇسخىسى)» دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، بىر رايوندىكى بارلىق ئوتتۇرا، يۇقىرى خەتەرلىك رايونلارنىڭ ھەممىسى بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، ئاندىن دائىملاشقان ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بولىدۇ. لېكىن تۈنۈگۈنگە قەدەر، شەھەر بويىچە يەنىلا 104 يۇقىرى خەتەرلىك رايون، 179 ئوتتۇرا خەتەرلىك رايون بار. بۇنداق ئەھۋالدا، ئەگەر يەڭگىللىك بىلەن ئومۇميۈزلۈك قويۇۋېتىلسە، مۇقەررەر ھالدا ئەتراپتىكى ۋىلايەت، ئوبلاستلارغا، ھەتتا پۈتۈن شىنجاڭغا ئېقىپ چىقىش خەۋپ-خەتىرى ئېلىپ كېلىدۇ.

  قىسقىسى، تىنچ ھالەتتىكى باشقۇرۇش تەدبىرىنى بىكار قىلىش خەۋپ-خەتىرى تۆۋەن بارلىق رايونلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىلگەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن بەلگىلىك ھەرىكەتچانلىقنى ئازايتىپ، بىخەتەر، تەرتىپلىك، پۇختا قەدەم بىلەن ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشنى قانات يايدۇرۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. بۇ بەلكىم كۆپچىلىكنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشنى تېز ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۆلچەرىدىن مەلۇم پەرقلىنىشى مۇمكىن، لېكىن كەڭ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئېنىق تونۇشىنى، ئەقلىي روھىي ھالەتتە بولۇشىنى، «تىنچ ھالەتتە باشقۇرۇشنى تەدرىجىي، تەرتىپلىك قويۇۋېتىش» تەدبىرلىرىنى تولۇق چۈشىنىپ، تەستە قولغا كەلگەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش نەتىجىلىرىنى بىز بىلەن بىللە مۇستەھكەملەپ، كېيىنكى باسقۇچتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ