مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ياخشى بېجىرىلىپتۇ | شىنجاڭ: روھىي مېيىپلىق كىنىشكىسىنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈش قىيىن بولۇش مەسىلىسى ھەل قىلىندى

2022.08.25 17:23 مەنبە: خەلق تورى

  «روھىي مېيىپلىق كىنىشكىسىنى بىكار قىلىشنى ئىلتىماس قىلىشقا كۆپ يىللاردىن بۇيان تولا قاتراپ پۇتۇم ئۈزۈلۈپ كېتەيلا دەپ قالغان بولسىمۇ نەتىجىسىز بولغان ئىدى، بۇ كىنىشكىنىڭ تەسىرىدە، يېقىندا يەنە شوپۇرلۇق كىنىشكەم رويخەتتىن ئۆچۈرۈلۈپ، مېنىڭ تۇرمۇشۇمغا قاتتىق تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى، ھەقىقەتەن ئامال بولمىغاچقا رەھبەرلەرگە سۆز قالدۇرۇپ سىناپ باقاي دەپ ئويلاپ سۆز قالدۇرسام مەسىلەم ناھايىتى تېزلا ھەل بولدى» دېدى كورلا شەھىرىدىكى ۋاڭ ئەپەندى.

ۋاڭ ئەپەندى يېقىندا خەلق تورىنىڭ «رەھبەرلەرگە سۆز قالدۇرۇش كۆزنىكى»دە «مېنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ ئىگىلىك تىكلىگىنىمگە 20 نەچچە يىل بولدى، 2013- يىلى ئېتىزغا بېرىپ ئەمگەك قىلغاندا ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىپ ئايلىنىپ قېلىپ، شەھەرلىك دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىپ، ئۇيقۇغا ياردەم بېرىدىغان بىر قىسىم دورىلارنى يېدىم، بىر مەزگىل يەپ، يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئاتچوت قىلدۇرۇشنى ئويلاپ، يېزىغا بېرىپ ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ، جەدىۋەلنى تولدۇرغان ئىدىم، لېكىن قانداقلارچە روھىي مېيىپلىك كىنىشكىسى بېجىرگەنلىكىمنى بىلمەيمەن» دەپ سۆز قالدۇرغان.

  «مەن 2016 ـ يىلى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تاپشۇرغاندا ئۆزۈمنىڭ روھىي مېيىپلىق كىنىشكىسى بېجىرگەنلىكىمنى بايقاپ، نەچچە يىل قاترىساممۇ رويخەتتىن ئۆچۈرەلمىدىم، كېيىن كارىم بولمىدى، ھازىرغىچە بۇ روھىي مېيىپلىق كىنىشكىسىنى قانداق بېجىرگەنلىكىمنى بىلەلمەيمەن» دېدى ئۇ.

  خەلق تورىنىڭ «رەھبەرلەرگە سۆز قالدۇرۇش كۆزنىكى»گە سۆز قالدۇرغاندىن كېيىن، ۋاڭ ئەپەندىنىڭ دەۋا تەلىپى ناھايىتى تېزلا كورلا شەھەرلىك سەھىيە ـ ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ جاۋابىغا ئېرىشتى، جاۋابتا مۇنداق دېيىلدى: «خىزمەتچى خادىملارنىڭ تېلېفون قىلىپ تەكشۈرۈشى ئارقىلىق، سىز بايىنغولىن ئوبلاستلىق سەھىيە روھىي كېسەللىكلەر مەركىزىگە بېرىپ روھىي مېيىپلىق كىنىشكىسىنى بىكار قىلىشنى ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ، ئالاقىدار خىزمەت تەرتىپى بويىچە، سىز بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ ئېلېكتىرو ئېنسېفالوگراممىسىدا تەكشۈرتۈپ نورمال دىياگنوز قويغاندىن كېيىن، بايىنغولىن ئوبلاستلىق روھىي ساغلاملىق مەركىزى روھىي مېيىپلىكنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بېرىدۇ، يېڭىشە يېزىسى قاراباغ كەنتى ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىلىرى سىزگە بىكار قىلىنغان شوپۇرلۇق كىنىشكىڭىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ.

نۆۋەتتە، سىزنىڭ پىراۋىڭىز ئەسلىگە كەلدى. ئاخىرىدا قالدۇرغان سۆزىڭىزگە رەھمەت، تۇرمۇشىڭىزغا خوشاللىق تىلەيمەن».« يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ ياردىمىگە رەھمەت، نۇرغۇن يىللىق باش قېتىنچىلىقىنى ھەل قىلدىم. ساقچىلار ئەل قەلبىنى ئىللىتتى، ساقچىلار بىلەن خەلق بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىكەن» مەسىلە ھەل بولدى، ۋاڭ ئەپەندى يەنە بىر قېتىم سۆز قالدۇرۇپ رەھمەت ئېيتتى.

  ئاممىنىڭ مەنپەئەتىدە كىچىك ئىش يوق. سىزنىڭ ھەل قىلىشقا تېگىشلىك قانداق قىيىنچىلىقىڭىز بار؟ خەلق تورىنىڭ «رەھبەرلەرگە سۆز قالدۇرۇش كۆزنىكى»گە كېلىپ سۆز قالدۇرۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز، قىيىنچىلىقىڭىز ۋە باش قېتىنچىلىقىڭىزنى سۆزلەپ بېقىڭ.



كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

    مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : 热依拉 依沙木丁
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ