مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىخەنزە-قەشقەر ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە قاتناش باشلاندى

2022.05.19 13:45 مەنبە: خەلق تورى

  17-چېسلا، خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسى پاي چەكلىك شىركىتى شىخەنزە – ئاقسۇ - قەشقەر ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە تۇنجى نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچۇشىنى ئىجرا قىلدى. بۇ شىخەنزىنىڭ تۇنجى قېتىم قەشقەرگە ھاۋا يولى ئېچىشى.

شىخەنزە - ئاقسۇ - قەشقەر ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ئۇچقان نۆۋەتچى ئايروپلان سائەت 15:00 تە شىخەنزىدىن ئۇچۇپ، سائەت 40: 16 دە ئاقسۇغا، سائەت 25: 18 دە قەشقەرگە قونىدۇ؛ قايتىش سەپىرىدە سائەت 35 : 14 دە قەشقەردىن ئۇچۇپ، سائەت 45 : 15 دە ئاقسۇدا قونۇپ ئۇچقاندىن كېيىن سائەت 18:00 دە شىخەنزىدە قونىدۇ؛ ھەر ھەپتىنىڭ سەيشەنبە، پەيشەنبە، شەنبە كۈنلىرى ئۇچىدۇ.


  2018- يىلى خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭغا كىرگەندىن بۇيان، تارماق لىنىيە ئاۋىياتسىيەسىنى پائال تەرەققىي قىلدۇردى، ھازىر ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى شىنجاڭدىكى 19 شەھەرگە تۇتاشتۇرۇلدى، بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى شىنجاڭدىكى مول تارماق لىنىيە ئاۋىياتسىيە تورىغا تايىنىپ، شىنجاڭدىكى باشقا ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرى بىلەن ھەر ۋاقىت بىرىكتۈرۈش، گىرەلەشتۈرۈش، ئۇدۇللاشتۇرۇش ئارقىلىق، خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئۆزىگە خاس يولۇچىلارنىڭ يۈك – تاقلىرىنى پۈتۈن مۇساپىلىق توشۇش لىنىيەسى تورىنى شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ئايرودروم توپىنىڭ تۇتاشتۇرۇلۇشى، ماس يۈكسىلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. نۆۋەتتە، خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ يۈك – تاقلارنى پۈتۈن مۇساپىلىق توشۇپ بېرىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ شىخەنزىدىن چۇڭچىڭ، چېڭدۇ، شىنىڭ، كېرىيە، يەكەن قاتارلىق شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدىكى شەھەرلەرگە بارغىلى بولىدۇ.


  ئىگىلىنىشىچە، باشقا ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىمۇ شىخەنزىدىكى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى زورايتقان. ھازىر، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسىدە شىخەنزە-جېڭجۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلدى، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىدە شېنياڭ - شىخەنزە - چۆچەك ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلدى. تيەنجىن ئاۋىياتسىيەسى 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى يېڭىدىن شىخەنزە - كۇچا - خوتەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچىدۇ، 5-ئاينىڭ 24-كۈنى يېڭىدىن شىخەنزە-كۇچا-قەشقەر ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچىدۇ.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ