مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ بىلەن سىلوۋېنىيە زۇڭتۇڭى جۇڭگو ـ سىلوۋېنىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2022.05.16 10:56 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى سىلوۋېنىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى پاخور بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.



  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن سىلوۋېنىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 30 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىدا پائال نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئادىمىيەت ئالاقىسى كۈنسايىن جانلىنىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە ئەمەلىي نەپ يەتكۈزدى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، جۇڭگو ـ سىلوۋېنىيەنىڭ چوڭقۇر دوستلۇقىنى نامايان قىلدى.



  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەن جۇڭگو ـ سىلوۋېنىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ پاخور بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتىن ئىبارەت تارىخىي پۇرسەتنى ياخشى تۇتۇپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو ـ سىلوۋېنىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

پاخور جۇڭگونىڭ نۇرغۇن ساھەدە ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى چىن كۆڭلىدىن تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: سىلوۋېنىيە ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 30 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى تېز تەرەققىي قىلدى، ئىقتىساد ـ سودا ھەمكارلىقىدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ساھەلەر ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىلدى، قار ـ مۇز تەنھەرىكىتى ھەمكارلىقنىڭ يېڭى يارقىن نۇقتىسىغا ئايلاندى. ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، سىلوۋېنىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشنى پائال قوللاپ، ھەمكارلىق نەتىجىلىرى ئارقىلىق ئىككى تەرەپ ۋە خەلقئارا جەمئىيەتكە نەپ يەتكۈزۈشكە كۈچ چىقىرىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ