مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ فىلىپپىننىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان ماركوسقا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2022.05.16 10:55 مەنبە: خەلق تورى

  5 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ فىردىناند رومۇلدېز ماركوسقا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ فىلىپپىن جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.



  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن فىلىپپىن بىرلا سۇ ئايرىپ تۇرىدىغان قوشنىلار، ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولىدىغان ھەمراھلار. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو ـ فىلىپپىن مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىنىپ، يۈكسىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت ـ سائادەت يارىتىپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا تۆھپە قوشتى.



  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر، جۇڭگو ـ فىلىپپىن ئىككى دۆلەت ئاچقۇچلۇق تەرەققىيات باسقۇچىدا تۇرماقتا، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى مۇھىم پۇرسەت ۋە كەڭ ئىستىقبالغا يۈزلەندى. مەن جۇڭگو ـ فىلىپپىن مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان ماركوس بىلەن ياخشى خىزمەت مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇقتا چىڭ تۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.



  شۇ كۈنى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ چىشەن سارا زىممېرمان دۇتېرت كابىئاۋغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ فىلىپپىننىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.



  مەنبە: خەلق تورى


مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ