مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

5-نۆۋەتلىك ئىككى قىرغاق ياشلار تەرەققىيات مۇنبىرى خاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلدى

ۋاڭ ياڭ خەت ئەۋەتىپ تەبرىكلىدى

2022.05.16 10:52 مەنبە: خەلق تورى

  5- نۆۋەتلىك ئىككى قىرغاق ياشلار تەرەققىيات مۇنبىرى 11-چېسلا خاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭغا ۋاكالىتەن مۇنبەر تەشكىلىي كومىتېتىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، مۇنبەرنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى تەبرىكلىدى .
ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىككى قىرغاق ياشلار تەرەققىيات مۇنبىرى ئىككى قىرغاق ياشلىرى ئالاقىلىشىدىغان، ئالماشتۇرىدىغان ۋە سىردىشىدىغان مۇھىم سۇپا، ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ ۋە ئىككى قىرغاقتىكى ياش دوستلارنىڭ ئورتاق يېتىلىشى ۋە قىزغىن قاتنىشىشى ئارقىسىدا مۇنبەر تۈرلۈك پايدىسىز تەسىر ۋە سۈنئىي توسالغۇلارنى يېڭىپ ئۇدا بەش نۆۋەت ئۆتكۈزۈلۈپ، ئالقىشلىنىش دەرىجىسى ۋە تەسىر كۈچى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ كۈچلۈك ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق ئارزۇسىنى تولۇق نامايان قىلدى .


  ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خاتىرجەم ياشاش، تەرەققىي قىلىش، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ ئورتاق يۈرەك ساداسى، گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەردە» قول تۇتۇشۇپ گۈزەل تۇرمۇش بەرپا قىلىش» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن. ۋەتەن چوڭ قۇرۇقلۇقى بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى غەلىبىلىك ئىشقا ئاشۇرۇپ، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە، بۇ مۇقەررەر ھالدا ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار


  بولۇپمۇ ئىككى قىرغاقتىكى ياشلارنىڭ قول تۇتۇشۇپ كۈرەش قىلىشى، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشىگە كەڭ بوشلۇق ھازىرلاپ بېرىدۇ. بىز تېخىمۇ كۆپ تەيۋەنلىك ياشلارنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇققا كېلىپ، ياشلىق ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ،گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز، كۆپچىلىكنىڭ ئىككى قىرغاقنىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقىغا قاتنىشىشى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىشنى خالايمىز. ئىككى قىرغاقتىكى ياشلارنىڭ دەۋر بىلەن قەدەمداش، مىللەت بىلەن تەقدىرداش بولۇپ،جۇشقۇن ياشلىق مېلودىيەسىنى ئورتاق ياڭرىتىپ، ئارمانسىز كۈرەش سەھىپىسىنى بىرلىكتە ئېچىپ، قالتىس كىشىلىك ھايات مۇساپىسىنى بېسىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.


  ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىر تەيۋەن بوغۇزى ۋەزىيىتىدە ئېنىقسىزلىق، مۇقىمسىزلىق كۆپىيىۋاتىدۇ، « تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىكى ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ قول تۇتۇشۇپ گۈزەل تۇرمۇشنى ئورتاق بەرپا قىلىشىدىكى ئەڭ چوڭ رېئال تەھدىت، لېكىن ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت تارىخنىڭ چاقىنى،ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ گۈزەل تۇرمۇشنى ئورتاق بەرپا قىلىشتىكى مەزمۇت قەدىمىنى توسۇۋالغىلى بولمايدۇ، ياشلار دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ كەلگۈسى، ئۇلار مىللىي ئادالەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت دەۋرنىڭ ئېغىر ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشقا ئۆزىنى بېغىشلىغان. تەيۋەنلىك ياشلارنىڭ ئومۇمىيەتنى كۆزلەپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، ئادالەتنى ساقلاپ، »تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىكىگە ۋە تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئۆز مەنپەئەتى ۋە بەخت-سائادىتىنى ياخشى قوغداپ، گۈزەل تۇرمۇشقا باتۇرلۇق بىلەن ئىنتىلىپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىش ۋە مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىشلارنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.


  جۇڭگو گومىنداڭ پارتىيەسىنىڭ سابىق رەئىسى، جۇڭخۇا چىڭيەن تىنچلىق تەربىيەسى فوندى جەمئىيىتىنىڭ باش مۇدىرى خۇڭ شيۇجۇ تەكلىپكە بىنائەن مۇنبەرگە قاتناشتى. ئىككى قىرغاقتىكى ياشلار ۋەكىللىرىدىن بولۇپ تەخمىنەن 450 كىشى مۇنبەرگە قاتناشتى.



  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر



  مەنبە: خەلق تورى




مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ