مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش «رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش» توغرىسىدا مەخسۇس تېمىلىق كېڭىشىش يىغىنى ئاچتى

ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى

2022.05.18 13:56 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 17-ماي بېيجىڭدا «رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش» توغرىسىدا مەخسۇس تېمىلىق كېڭىشىش يىغىنى ئاچتى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ۋەزىيەتنى ئىلمىي تەتقىق قىلىپ، ۋەزىيەتكە ھۆكۈم قىلىپ، تەرەققىيات ئىشەنچىنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنىڭ مۇناسىۋىتىنى دىيالېكتىك مۇئامىلە قىلىپ بىرتۇتاش ئىگىلەپ، رەقەملىك ئىقتىسادنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئەلالاشتۇرۇپ، زورايتىپ، ئۇنى يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلدۇرۇپ ۋە سىڭدۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 100 گە يېقىن ئەزاسى يىغىنغا قاتناشتى، 29 ئەزا، مۇتەخەسسىس يىغىندا سۆز قىلدى، 140 نەچچە ئەزا ئەزالارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش سۇپىسى ئارقىلىق پىكىر بايان قىلدى. ئەزالار مۇنداق دەپ قارىدى: ئېلىمىزنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى چوڭ دۆلەتلىك ئورنى مۇستەھكەم، كەلگۈسى تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق. يېڭىچە پۈتۈن مەملىكەت تۈزۈلمىسى ئەۋزەللىكى، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازار ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، رەقەملىك ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقىنى ئۆز قولىدا چىڭ تۇتۇش كېرەك. رەقەملىك ئىقتىساد بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى رەقەملەشتۈرۈپ تىپ ئۆزگەرتىشكە يېتەكلەپ، سانائەت ئالاقە تورىنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قېزىپ، يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ ئۈسكۈنە ئۈچۈن ئەقىل كۆرسىتىشى، كارخانا ئۈچۈن قىممەت قوشۇشى، كەسىپ ئۈچۈن ئېنېرگىيە قوشۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. سانلىق مەلۇمات ئىگىدارلىق ھوقۇقى، ئىشلىتىش ھوقۇقى، تىجارەت ھوقۇقى، مەنپەئەتلىنىش ھوقۇقى قاتارلىق ھوقۇقلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سانلىق مەلۇمات ئامىللىرى بازىرىنى قۇرۇش كېرەك. بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، رەقەملىك ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ تور ۋە سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. رەقەملىك ئىقتىساد خەلقئارا ھەمكارلىقىغا ئىلھام بېرىپ، دۇنياۋى رەقەملىك تۈزەش مۇساپىسىگە پائال قاتنىشىش كېرەك.




  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ خې يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئېلىمىزنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادىي تەرەققىيات نەتىجىلىرى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى. دۇنيا رەقەملىك ئىقتىسادىدا ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش، كۋانتلىشىش، ساھە ھالقىپ يۇغۇرۇلۇش، چوڭقۇر سىڭىشىش، ئۆزگىرىش سۈرئىتىنى كۆرسەتكۈچلەشتۈرۈش قاتارلىق يېڭى ئالاھىدىلىكلەر نامايان بولماقتا. رەقەملىك ئىقتىساد ئېلىپ كەلگەن ھەر تەرەپلىمە ئۆزگىرىشكە تىرىشىپ ماسلىشىپ، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى ۋە خەلقئارا رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، ئاساسىي تەتقىقات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىلغار، ياراملىق تېخنىكىلارنى تەتقىق قىلىپ يارىتىش، كېڭەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. كارخانىچىلار ئەڭ مۇھىم يېڭىلىق يارىتىش سۇبيېكتى، سۇپا ئىقتىسادى، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى قوللاپ، سۇپا ئىقتىسادىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەدەت بېرىدىغان كونكرېت تەدبىرلەرنى تەتقىق قىلىپ، سۇپا كارخانىلىرىنى دۆلەتنىڭ زور پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تۈرلىرىگە قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، بىر تۇتاش پىلان تۈزۈپ، قانۇن-نىزاملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ بىۋاسىتە سېلىنمىسىنى كۆپەيتىپ، پۈتۈن مىللەتنىڭ رەقەملىشىش ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، رەقەملىك كارخانىلارنىڭ دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى كاپىتال بازىرىدا پېيىنى بازارغا سېلىشىنى قوللاش كېرەك. رەقەملىك ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇش، بولۇپمۇ ئادەمنى كۆزلەش، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق رىقابەتنى ئىلگىرى سۈرۈش، رىقابەت ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.




  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چىڭلى چۈشتىن بۇرۇنقى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، خې خۇخۇا، لى بىن، باتېر، ۋاڭ يۇڭچىڭ، خې لىفېڭ، جېڭ جيەنباڭ، گۇ شېڭزۇ، گاۋ يۈنلۇڭ يىغىنغا قاتناشتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتنىشىپ پىكىر-تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى، ئەزالار بىلەن كېڭىشىپ پىكىر ئالماشتۇردى.





  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز





  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ