مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى جەنشۇ سۇلۇق يەرنى قوغداش قانۇنىنى يولغا قويۇش سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

2022.05.13 14:11 مەنبە: خەلق تورى

 
  شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ سۇلۇق يەرنى قوغداش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانۇنچىللاشتۇرۇش يولىغا سېلىشقا يېتەكلەش كېرەك


  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 5–ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا، سۇلۇق يەرنى قوغداش قانۇنىنى يولغا قويۇش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۇلۇق يەرنى قوغداش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى، تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۇلۇق يەرنى قوغداش قانۇنىنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ياخشى يولغا قويۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ سۇلۇق يەرنى قوغداش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانۇنچىللاشتۇرۇش يولىغا سېلىشقا يېتەكلەش كېرەك.


  لى جەنشۇ سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سۇلۇق يەرنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، سۇلۇق يەرنى قوغداشنى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىش، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە دائىر بىر قاتار تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. سۇلۇق يەرنى قوغداش قانۇنىدا شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، سۇلۇق يەرنى ئىلمىي قوغداش ئىدىيەسى، پىرىنسىپى ۋە پايدىلىق ئۇسۇل، تەجرىبىلىرى قانۇن-تۈزۈم دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈپ، سۇلۇق يەر ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەۋقە قىلىنىپ، «قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، قاتتىق باشقۇرۇش، سىستېمىلىق تۈزەش، ئىلمىي ئەسلىگە كەلتۈرۈش، مۇۋاپىق پايدىلىنىش» پىرىنسىپى بېكىتىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيە سىستېمىسىدا قانۇن چىقىرىش بوشلۇقى تولدۇرۇلۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈم سىستېمىسى بېيىتىلدى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. قانۇن-بەلگىلىمىلەرنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇننى تەشۋىق قىلىش، چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە سۇلۇق يەرنى قەدىرلەش، سۇلۇق يەرنى قوغداش ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەپ، قانۇنچىللىق ئۇسۇلى ئارقىلىق گۈزەل سۇلۇق يەرنى قوغداپ، سۇلۇق يەرنى قوغداشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.


  لى جەنشۇ مۇنداق تەكىتلىدى: قانۇننىڭ جېنى ئۇنى يولغا قويۇشتا. ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئالاقىدار تارماقلار سۇلۇق يەرنى قوغداشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، سۇلۇق يەرنى دەرىجىگە ئايرىپ باشقۇرۇش ۋە تىزىملىك تۈزۈش تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۇلۇق يەر تىزىملىكىنى بېكىتىش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە ياخشى ئىشلەپ، تىزىملىك ئېلان قىلىش تەرتىپى ۋە مەزمۇنىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدىغان سۇلۇق يەر دائىرىسىنى مۇۋاپىق بېكىتىپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن سۇلۇق يەرنى دەرىجىگە ئايرىپ قوغداش سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىش كېرەك. قوغداش ۋە پايدىلىنىشقا ئالاقىدار تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سىجىللىقتىكى ماددىلارنى چىقىرىش ۋە ھەددىدىن زىيادە تاۋارلاشتۇرۇپ ئېچىشنى قەتئىي تۈزىتىپ، ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈم، ئىجتىمائىي ئۈنۈم، ئىقتىسادىي ئۈنۈمنىڭ ئۆزئارا بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. سۇلۇق يەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇپ، تەبىئىي ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئاساس قىلىش، تەبىئىي ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلەن سۈنئىي ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم سۇلۇق يەرلەرگە قارىتا ئەسلىگە كەلتۈرۈش لايىھەسىنى قانۇن بويىچە تۈزۈپ، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەھۋالىنى قانۇن بويىچە ئاشكارىلاپ، سۇلۇق يەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ تېخىمۇ ئىلمىي، ئۈنۈملۈك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. خەلق ھۆكۈمەتلىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، گوۋۇيۈەن ۋە ئالاقىدار تارماقلار ئالاقىدار قانۇن-نىزام ۋە ئۆلچەملەرنى تۈزۈش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەر ۋە رايون تەسىس قىلىنغان شەھەر، ئاپتونوم ئوبلاستلار ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن سۇلۇق يەرنى قوغداشنىڭ كونكرېت چارىسىنى تۈزۈپ، قانۇنلارنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ جىپسىلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، سۇلۇق يەرنى قوغداشنىڭ «تۈزۈم تورى»نى زىچ، پۇختا تۈزۈپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش، سۇلۇق يەرنى بىرىكمە كۈچ بىلەن قوغداش خىزمەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش سالمىقىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، قانۇننىڭ مۇستەھكەملىكى ۋە نوپۇزىنى كۈچەيتىپ، تەكشۈرۈش، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش، سۆزلىشىشكە چاقىرىش، جازالاش، ئاممىۋى پاراۋانلىق دەۋاسى، ھەق تەلەپ تۆلىمى قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللارنى ئۇنىۋېرسال قوللىنىپ قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇپ، قاتتىق بولغان قانۇن جاۋابكارلىقىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.


  سۇلۇق يەرنى قوغداش قانۇنى 2021-يىلى 12-ئايدا ماقۇللانغان بولۇپ، بۇ يىل 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.


  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شېن يۆيۆ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى، مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقى دىڭ جۇڭلى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى، دۆلەت ئورمان-ئوتلاق ئىدارىسى ۋە خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار ھەم مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى، مۇتەخەسسىس، ئالىملار سۆھبەت يىغىنىدا سۆز قىلدى.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر


  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ