مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى

2022.05.07 12:07 مەنبە: خەلق تورى

 
  ھازىرقى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلدى


  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇش، ئەمەلىي تۇتۇشنى مۇھاكىمە قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى


  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى


  ■ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، بىز خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ۋاقىت ۋە ۋەزىيەتكە قاراپ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئۈزلۈكسىز تەڭشەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشتە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. بۇ يىل 3-ئايدىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر نىيەتتە كۈچ چىقىرىپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلىش ئارقىلىق، بىز ۋۇخەننى قوغداش جېڭىدىن بۇيانقى ئەڭ كەسكىن بولغان ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىپ، باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىنى قولغا كەلتۈردۇق. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش فاڭجېنىمىزنى پارتىيەنىڭ خاراكتېرى ۋە ئاساسىي مەقسىتى بەلگىلىگەن، بىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سىياسىتىمىز تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ، بىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش تەدبىرلىرىمىز ئىلمىي، ئۈنۈملۈك. بىز ۋۇخەننى قوغداش جېڭىدە غەلىبە قىلدۇق، چوڭ شاڭخەينى قوغداش جېڭىدىمۇ چوقۇم غەلىبە قىلالايمىز.


  ■ نۆۋەتتە يەرشارىۋى يۇقۇم يەنىلا ئېغىر باسقۇچتا تۇرۇۋاتىدۇ، ۋىرۇس يەنىلا ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىۋاتىدۇ، يۇقۇمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى يۈزلىنىشىدە يەنىلا ناھايىتى چوڭ ئېنىقسىزلىق مەۋجۇت، ئارام ئېلىۋالىدىغان، پۇت-قولىنى سۇنۇۋالىدىغان ۋاقىت تېخى يېتىپ كەلمىدى. دۆلىتىمىز نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەت، ياشانغانلار نوپۇسى كۆپ، رايونلارنىڭ تەرەققىياتى تەكشى ئەمەس، داۋالاش بايلىقى ئومۇمىي مىقدارى يېتەرلىك ئەمەس، ئالدىنى ئېلىش -تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنى بوشاشتۇرۇپ قويۇش مۇقەررەر ھالدا كىشىلەر توپىنىڭ كەڭ كۆلەمدە يۇقۇملىنىشىنى، كۆپلەپ ئېغىر كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە كېسەللىك بىلەن ئۆلۈپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى، تەن ساغلاملىقى ئېغىر تەسىرگە ئۇچرايدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش توغرىسىدىكى فاڭجېن- سىياسەتلەرنى چوڭقۇر، تولۇق، ئومۇميۈزلۈك تونۇپ، تونۇش يېتەرلىك بولماسلىق، تەييارلىق يېتەرلىك بولماسلىق، خىزمەت يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى قەتئىي تۈگىتىپ، سەل قاراش، بىپەرۋالىق قىلىش، ئۆزىنىڭكىنىلا توغرا دەپ قاراش قاتارلىق ئىدىيەلەرنى قەتئىي تۈگىتىپ، باشتىن- ئاخىر كاللىنى سەگەك تۇتۇپ، «ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش» باش فاڭجېنىدا قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدىكى فاڭجېن-سىياسەتلىرىنى بۇرمىلايدىغان ۋە ئۇنىڭدىن گۇمانلىنىدىغان، ئىنكار قىلىدىغان بارلىق سۆز-ھەرىكەتلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش كېرەك.


  ■ چىڭ تۇرۇشنىڭ ئۆزى غەلىبە. ھازىر، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى «كېمىنى ئېقىنغا قارشى ھەيدىگەندە، ئىلگىرىلىمىسە چېكىنىپ كېتىدىغان» ئاچقۇچلۇق مەزگىل ۋە كۈچەش باسقۇچىدا تۇرماقتا، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىشەنچنى چىڭىتىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇرەككەپلىكى ۋە مۈشكۈللۈكىنى چوڭقۇر تونۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۈرەش قىلىش روھىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش توسۇقىنى قەتئىي مۇستەھكەملەپ، تەستە قولغا كەلگەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى قەتئىي مۇستەھكەملەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.



  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى 5 -ئاينىڭ 5-كۈنى يىغىن ئېچىپ، ھازىرقى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇش، ئەمەلىي تۇتۇشنى مۇھاكىمە قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.


  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلەندى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، بىز خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ۋاقىت ۋە ۋەزىيەتكە قاراپ ئالدىنى ئېلىش -تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئۈزلۈكسىز تەڭشەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. بۇ يىل 3-ئايدىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر نىيەتتە كۈچ چىقىرىپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلىش ئارقىلىق، بىز ۋۇخەننى قوغداش جېڭىدىن بۇيانقى ئەڭ كەسكىن بولغان ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىپ، باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىنى قولغا كەلتۈردۇق. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش فاڭجېنىمىزنى پارتىيەنىڭ خاراكتېرى ۋە ئاساسىي مەقسىتى بەلگىلىگەن، بىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سىياسىتىمىز تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ، بىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىمىز ئىلمىي، ئۈنۈملۈك. بىز ۋۇخەننى قوغداش جېڭىدە غەلىبە قىلدۇق، چوڭ شاڭخەينى قوغداش جېڭىدىمۇ چوقۇم غەلىبە قىلالايمىز.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: نۆۋەتتە يەرشارىۋى يۇقۇم يەنىلا ئېغىر باسقۇچتا تۇرۇۋاتىدۇ، ۋىرۇس يەنىلا ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىۋاتىدۇ، يۇقۇمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى يۈزلىنىشىدە يەنىلا ناھايىتى چوڭ ئېنىقسىزلىق مەۋجۇت، ئارام ئېلىۋالىدىغان، پۇت- قولىنى سۇنۇۋالىدىغان ۋاقىت تېخى يېتىپ كەلمىدى. دۆلىتىمىز نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەت، ياشانغانلار نوپۇسى كۆپ، رايونلارنىڭ تەرەققىياتى تەكشى ئەمەس، داۋالاش بايلىقى ئومۇمىي مىقدارى يېتەرلىك ئەمەس، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنى بوشاشتۇرۇپ قويۇش مۇقەررەر ھالدا كىشىلەر توپىنىڭ كەڭ كۆلەمدە يۇقۇملىنىشىنى، كۆپلەپ ئېغىر كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە كېسەللىك بىلەن ئۆلۈپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى، تەن ساغلاملىقى ئېغىر تەسىرگە ئۇچرايدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش توغرىسىدىكى فاڭجېن-سىياسەتلەرنى چوڭقۇر، تولۇق، ئومۇميۈزلۈك تونۇپ، تونۇش يېتەرلىك بولماسلىق، تەييارلىق يېتەرلىك بولماسلىق، خىزمەت يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى قەتئىي تۈگىتىپ، سەل قاراش، بىپەرۋالىق قىلىش، ئۆزىنىڭكىنىلا توغرا دەپ قاراش قاتارلىق ئىدىيەلەرنى قەتئىي تۈگىتىپ، باشتىن-ئاخىر كاللىنى سەگەك تۇتۇپ، «ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش» باش فاڭجېنىدا قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدىكى فاڭجېن-سىياسەتلىرىنى بۇرمىلايدىغان ۋە ئۇنىڭدىن گۇمانلىنىدىغان، ئىنكار قىلىدىغان بارلىق سۆز-ھەرىكەتلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش كېرەك.


  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: چىڭ تۇرۇشنىڭ ئۆزى غەلىبە. ھازىر، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتى «كېمىنى ئېقىنغا قارشى ھەيدىگەندە، ئىلگىرىلىمىسە چېكىنىپ كېتىدىغان» ئاچقۇچلۇق مەزگىل ۋە كۈچەش باسقۇچىدا تۇرماقتا، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىشەنچنى چىڭىتىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇرەككەپلىكى ۋە مۈشكۈللۈكىنى چوڭقۇر تونۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۈرەش قىلىش روھىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش توسۇقىنى قەتئىي مۇستەھكەملەپ، تەستە قولغا كەلگەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى قەتئىي مۇستەھكەملەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.


  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: قىسمەن رايونلاردىكى توپلىشىش خاراكتېرلىك يۇقۇمنى بىر تەرەپ قىلىشنى تېزلىتىپ، تەكشۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق تەكشۈرۈپ، ئايرىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق ئايرىپ، قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق قوبۇل قىلىپ، داۋالاشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق داۋالاپ، خېسۇەن تەكشۈرۈش، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش، ئايرىش، يۆتكەپ توشۇش ۋە مەھەللە باشقۇرۇش-تىزگىنلەش قاتارلىق نۇقتىلىق ھالقىلار ماسلىشىپ بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىپ، يۇقۇملانغۇچىلار ۋە خەۋپ-خەتىرى بار كىشىلەر توپىنى ۋاقتىدا رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، باشقۇرۇش-تىزگىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئالدىنى ئېلىش -تىزگىنلەش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، رايونلار ھەمكارلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، ئۆلكە ئىچىدە بىرتۇتاش پىلانلاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئادەم كۈچى، ماددىي ئەشيالىرىنى يېتەرلىك، تولۇق تەييارلاپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.


  ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ۋاقتىدا مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋىرۇسنىڭ ئۆزگىرىشىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاددىيلاشتۇرۇۋەتمەي، بىر تاياقتا ھەيدىمەي، ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش كاپالىتى ۋە تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشنى ماس قەدەمدە ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىش، داۋالىنىش ئېھتىياجىنى ياخشى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئادەم، ماددىي ئەشيا، مۇھىت جەھەتتىن ئوخشاش ئالدىنى ئېلىش تەلىپىنى دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ساھەلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە ئورۇنلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىش كېرەك. خەلق ئاممىسىغا زىچ تايىنىپ خەلق ئۇرۇشىنى ياخشى قىلىپ، ئۇچۇر ئېلان قىلىشنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرۇپ، كەڭ ئاممىنى مەسئۇلىيەت ئېڭى، ئۆزىنى قوغداش ئېڭىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئاڭلىق زىممىگە ئېلىپ، شەخسلەر، ئائىلە قاتارلىقلارنىڭ كۈندىلىك مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىممۇنىتېتنى كۈچەيتىش ۋاكسىنىسى ئەملەش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەش مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.


  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى، خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەر ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، بىخۇدلۇق ئىدىيەسى، ئۇرۇشتىن بىزار بولۇش كەيپىياتى، تەلەي سىناش پىسخىكىسى، بوشىشىپ قېلىش روھىي ھالىتىنى تۈگىتىپ، ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەر قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ دېگەن روھ، مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەيدىغان ھەرىكەت ئارقىلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەمەلىي تۇتۇشى، ئىنچىكە تۇتۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار داۋاملىق تۈردە ئاتاكىدا ئالدىغا ئۆتۈپ، قەيسەرلىك بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىپ، جەڭگىۋار قورغانلىق ۋە ئاۋانگارت، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە مەيدانغا كەلگەن ئىلغار تىپلار ۋە ئىلغار ئىش ئىزلارنى تەشۋىق قىلىپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنى ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.
يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.

مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ