مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن تېلېفونلاشتى

2022.05.12 14:34 مەنبە: خەلق تورى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن كېيىن فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆتكەن بەش يىلدا، مەن زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، جۇڭگو - فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنى پائال تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاشقا يېتەكلەپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىدا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش قاتارلىق مەسىلىلەردە چوڭ دۆلەتنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشىنى نامايان قىلدۇق. دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ئالدىدا، جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت ۋە مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، «مۇستەقىل، ئۆز - ئۆزىگە ئىگە بولۇش، ئۆزئارا چۈشىنىش، ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش»تىن ئىبارەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئەسلىي مەقسىتىنى چىڭ ساقلاپ، زىچ، ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەرگە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئىككى تەرەپ، جۇڭگو - ياۋروپا، پۈتۈن يەرشارى قاتلىمىدا زىچ ماسلىشىشى، ھەمكارلىشىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ فىرانسىيە تەرەپ بىلەن بولغان ھەرقايسى قاتلام - دەرىجىلىكلەر ئالاقىسىنى داۋاملىق قويۇقلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ سۆھبەتلىشىش مېخانىزمى ئارقىلىق كەلگۈسى بەش يىلدىكى جۇڭگو - فىرانسىيە ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ياخشى پىلانلاپ، پۇقراۋى يادرو ئېنېرگىيەسى، ئاۋىياتسىيە - ئالەم قاتنىشى قاتارلىق ئەنئەنىۋى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىش بىلەن بىللە، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، پاكىز ئېنېرگىيە قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى ھەمكارلىققا تۈرتكە بولۇش سالمىقىنى زورايتىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ فىرانسىيەنىڭ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ، فىرانسىيەنىڭ پۇل مۇئامىلە، يۇقىرى تېخنىكىلىق كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىنى قارشى ئالىدۇ، فىرانسىيە تەرەپنىڭ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ فىرانسىيەگە بېرىپ مەبلەغ سېلىپ ھەمكارلىشىشىنى ئادىل، ھەققانىي، كەمسىتىش بولمىغان تىجارەت - سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. 2024 - يىلىدىكى جۇڭگو - فىرانسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقى، پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قاتارلىق مۇھىم، زور پۇرسەتلەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، جۇڭگو - فىرانسىيە ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. جۇڭگو - فىرانسىيە ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما ۋە خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى قوغداپ، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىنى قوللاپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ۋە جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، 20 دۆلەت گۇرۇھى، خەلقئارا ئاشلىق، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى قاتارلىقلاردا ئالاقىلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئافرىقا قاتارلىق رايونلاردىكى ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى ۋە يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇشى، ھەمكارلىق ئۈستىدە ئىزدىنىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتى جۇڭگو - ياۋروپا ھەم ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. جۇڭگو تەرەپ فىرانسىيە تەرەپنىڭ ئىستراتېگىيەدە ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشتا چىڭ تۇرغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، فىرانسىيە تەرەپنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگوغا بولغان توغرا تونۇشتا چىڭ تۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىر نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق باشقۇرۇپ ۋە تىزگىنلەپ، ئورتاق مەنپەئەت ئاساسىدا ئىقتىساد - سودا، يېشىل، رەقەملىك، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. فىرانسىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

ماكرون مۇنداق بىلدۈردى: فىرانسىيە - جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپ ئىزچىل ئېچىۋېتىش روھىدا چىڭ تۇرۇپ، فىرانسىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى پائال تەرەققىي قىلدۇردى. ئۆتكەن بەش يىلدا، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى مول نەتىجىلىك بولدى. كەلگۈسى بەش يىلدا، فىرانسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن يېزا ئىگىلىكى، ئاۋىياتسىيە، پۇقراۋى يادرو ئېنېرگىيەسى، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، فىرانسىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ كۆپ پائال نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. فىرانسىيە تەرەپ ياۋروپا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.

ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى، ئۇلار بىردەك ئالاقىدار ھەرقايسى تەرەپلەر رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ سۆھبەت ئارقىلىق تىنچلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى قوللىشى كېرەك، دەپ قارىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ ئىزچىل ئۆزىگە خاس شەكىل ئارقىلىق ياراشتۇرۇش، سۆھبەتلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ياۋروپانىڭ خەۋپسىزلىكىنى ئۆز قولىدا ئىگىلىشىنى قوللاپ كەلدى. گۇرۇھلارنىڭ قارشىلىشىشى شەكىللىنىپ، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك، مۇقىملىققا تېخىمۇ زور، تېخىمۇ ئۇزاق مۇددەتلىك تەھدىت پەيدا قىلىشىدىن ئالاھىدە ھوشيار بولۇش كېرەك.

ماكرون مۇنداق بىلدۈردى: ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە، فىرانسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن نۇرغۇن ئورتاق تونۇشقا ئىگە. فىرانسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىككى تەرەپ ۋە كۆپ تەرەپ قاتلىمىدا تېخىمۇ زىچ ماسلىشىش، ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى خالايدۇ. فىرانسىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، گۇرۇھلارنىڭ قارشىلىشىشىنى قوللىمايدۇ ھەم ئۇنىڭغا قاتناشمايدۇ.

مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ