مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2022.05.06 21:34 مەنبە: خەلق تورى

  بازار سۇبيېكتلىرىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ قىيىنچىلىقىنى يەنىمۇ ھەل قىلىش تەدبىرلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ تاشقى سودىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش تەدبىرلىرى بېكىتىلىپ، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا كۈچ قوشۇلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 6-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 5-ئاينىڭ 5-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا بازار سۇبيېكتلىرىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ قىيىنچىلىقىنى يەنىمۇ ھەل قىلىش تەدبىرلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ تاشقى سودىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش تەدبىرلىرى بېكىتىلىپ، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا كۈچ قوشۇلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مىقدارى كۆپ، دائىرىسى كەڭ ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەر ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ئاساسى، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ئاساسىي تىرىكى، نۆۋەتتە ئالاقىدار بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ قىيىنچىلىقى كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياردەم بېرىش-يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. بىرىنچى، بېكىتىلگەن باج قايتۇرۇش، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش، ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، كارخانىلارنىڭ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ مەھسۇلات كۆزلىمە نىشانىغا يېتىشىگە تۈرتكە بولۇش قاتارلىق سىياسەت-تەدبىرلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. 6-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن بۇرۇن ھەممىسىنى كىچىك، مىكرو كارخانىلار، يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ قوشۇلما قىممەت بېجى قالدۇقىنى باج سوممىسىغا توغرىلاپ قالدۇرۇپ قايتۇرۇپ بېرىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئوتتۇرا تىپتىكى كارخانىلارنىڭ باج قايتۇرۇشىنىمۇ مۇددەتتىن بۇرۇن مۇشۇ ۋاقىتتا تاماملاش كېرەك. ئىككىنچى، سىياسەت جەھەتتىن يۆلەش، بولۇپمۇ پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن يۆلەشنى كۈچەيتىش لازىم. بۇ يىل دۆلەت ئىلكىدىكى چوڭ بانكىلار ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق قەرز پۇلىنى يېڭىدىن 1 تىرىليون 600 مىليارد يۈەن كۆپەيتىپ، بانكىلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىشنى كۈچەيتىشكە يېتەكلىشى لازىم. ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەرگە مۇۋاپىق تۈردە داۋاملىق قەرز بېرىش، قەرەلىنى ئۇزارتىش، قەرز قايتۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تەڭشەش ئىناۋەت گۇۋاھلىقى خاتىرىسىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ ھەمدە جەرىمانە ئۆسۈمى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. دۆلەتنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك فوندى، ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك ئاپپاراتلىرىنىڭ ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەرنى كەسپىي جەھەتتىن قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىش كېرەك. سۇپا ئىقتىسادىنى قېلىپلاشتۇرىدىغان، ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قوللايدىغان كونكرېت تەدبىرلەرنى تېزدىن ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك. جايلار ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش مەخسۇس مەبلىغى ئورۇنلاشتۇرۇپ، تىجارەتتە قىيىنچىلىقى بارلارغا ئۆي ئىجارىسى، كېپىللىك ھەققى، قەرز پۇل ئۆسۈمى قاتارلىقلارغا ياردەم پۇلى بېرىش كېرەك. جايلارنىڭ كىچىك، مىكرو كارخانىلار ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەرنى توك باھاسىدا باسقۇچلۇق ئېتىبار بېرىش ۋە سۇ، توك، گاز ئىشلىتىشتە «نېسى قالسىمۇ تەمىنلەشنى توختاتماسلىق»، ئالتە ئاي ئىچىدە تولۇقلاپ تاپشۇرۇشنى يولغا قويۇشقا ئىلھام بېرىلىدۇ. ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ كەڭ بەلباغ ۋە مەخسۇس لىنىيە ئوتتۇرىچە ھەققى يەنە %10 تۆۋەنلىتىلىدۇ. ئۈچىنچىدىن، 5-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئورگان، كەسپىي ئورۇنلار، چوڭ كارخانىلار نېسى قالدۇرغان ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ھېساباتىدىكى پۇل، ئىختىلاپسىز نېسى قالغان پۇلدىن بىرى بايقالسا، بىرىنى قايتۇرۇش، ھەقىقەتەن چىقىم قىلىش قىيىن بولسا، 6-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن قەرز قايتۇرۇش پىلانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش لازىم. قەرزنى ئېنىقلاشنى بۇ يىللىق ئىقتىسادىي تەپتىشلىك ۋە گوۋۇيۈەننىڭ چوڭ تەكشۈرۈشىدىكى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، شەكلى ئۆزگەرگەن نېسى قالدۇرۇش قىلمىشلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش لازىم. سودا پېرېۋوت چېكىنى ئېتىراپلىق چىقىم قىلىش مۇددىتىنى قىسقارتىش تەدبىرلىرىنى چىڭ تۇتۇپ يولغا قويۇش كېرەك. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: مەسئۇلىيەتنى، بولۇپمۇ يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، سىياسەتنىڭ ئەمەلىيلىشىشىدىكى توسۇق نۇقتا مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك. تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ قىيىنچىلىققا ۋە خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، يىغىندا مۇنۇلار قارار قىلىندى: بىرىنچى، زاكاز تالونىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە نۇقتىلىق كەسىپلەر، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورتىنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. تاشقى سودا ساھەسىدىكى ئىشلەپچىقىرىش، ئوبوروتنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، نۇقتىلىق تاشقى سودا كارخانىلىرى قاتارلىقلارنىڭ تىزىملىكىنى بېكىتىش ھەمدە ئىشلەپچىقىرىش، ئەشيا ئوبوروتى، ئادەم ئىشلىتىش جەھەتلەردە كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. ئىككىنچى، دېڭىز، ھاۋا، پورت قاتارلىقلاردا مەركەزلىك توشۇشنى كۈچلۈك، تەرتىپلىك راۋانلاشتۇرۇپ، مەشغۇلات ۋە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاۋىياتسىيە يۈك تىرانسپورت كۈچىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، مۇھىم زاپچاس، جابدۇق ۋە مەھسۇلات تىرانسپورتىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تاشقى سودىنىڭ مال توشۇش باھاسىدىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش لازىم. ئۈچىنچىدىن، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئېكسپورتىدا مالنى قايتۇرۇش ۋە ئالماشتۇرۇشقا قولايلىق يارىتىش سىياسىتىنى تېزدىن يولغا قويۇپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىلىرىنىڭ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنى ئىلتىماس قىلىشىغا مەدەت بېرىش كېرەك. پىششىقلاش سودىسىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىنى قوللاپ، ئوتتۇرا، غەربىي رايونلار ۋە شەرقىي شىمالنىڭ ئەمگەك كۆجۈملەشكەن پىششىقلاش سودىسىنى دۆلەت رىغبەتلەندۈرىدىغان كەسىپلەر مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈش كېرەك. چوڭ تىپتىكى داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى، ماشىنا ئادەم قاتارلىقلارنى باجدىن خالىي رېمونت قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئاپتوموبىل موتورى قاتارلىقلاردا باجدىن خالىي قايتا ياساش سىنىقىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. تۆتىنچىدىن، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو تاشقى سودا كارخانىلىرىغا كرېدىت تارقىتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بانكىلار ۋاقتىنچە قىيىنچىلىقتا قالغانلاردىن قارىغۇلارچە قەرز ئالماسلىقى، قەرزنى ئۈزۈپ قويماسلىقى، قەرزنى كېمەيتمەسلىكى، بىر تۈركۈم مەبلەغگە جىددىي ئېھتىياجلىقلارنى رەتلەپ چىقىپ نۇقتىلىق مەدەت بېرىشى كېرەك. ئېكسپورت ئىناۋىتى سۇغۇرتىسىنىڭ قىسقا مۇددەتلىك سۇغۇرتا كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، تۆلەم ۋاقتىنى قىسقارتىش كېرەك. ئىناۋەت سۇغۇرتا تالونى بىلەن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى كۆپەيتىش لازىم. خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ مۇۋاپىق، تەڭپۇڭ سەۋىيەدىكى ئاساسىي مۇقىملىقىنى ساقلاش لازىم. بەشىنچى، گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسى قاتارلىق سۇپا مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇش، ئۆزئارا تۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىش كېرەك.

  جايلار تاشقى ئىقتىساد-سودا تەرەققىيات مەخسۇس مەبلىغىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ چېگرا سىرتىدىكى كۆرگەزمىگە قاتنىشىشىنى قوللىشى كېرەك. يېڭىدىن بىر تۈركۈم ئىمپورت سودىسى يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ