شى جىنپىڭ ۋېنگىرىيەنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن زۇڭتۇڭى نوۋاكقا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى
2022.05.12 14:35 مەنبە: خەلق تورى
5 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ نوۋاك كاتالىنغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ۋېنگىرىيەنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا تەيىنلەنگەنلىكىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو - ۋېنگىرىيە مۇناسىۋىتى يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتنى ساقلىدى. ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى قويۇقلاشتى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى مول نەتىجىلىك بولدى، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ھەمكارلىقى ياخشى بولدى. مەن جۇڭگو - ۋېنگىرىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، سىز بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشى ۋە ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپ ھەمدە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش، جۇڭگو − ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى قاتارلىق رامكىلار ئىچىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - ۋېنگىرىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ