مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2022.05.12 23:40 مەنبە: خەلق تورى

  مالىيە، پۇل سىياسىتىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشنى يېتەكچى قىلىپ، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش تەلەپ قىلىندى؛ ساقلانما مۈلۈكنى يەنىمۇ جانلاندۇرۇپ، ئىجتىمائىي مەبلەغ سېلىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كۆپەيتىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنىڭ ئۆسۈمىنى باسقۇچلۇق كەچۈرۈم قىلىش ھەمدە دىرىنى كېچىكتۈرۈپ قايتۇرۇشقا رۇخسەت قىلىش قارار قىلىندى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 5-ئاينىڭ 11-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلىپ مالىيە، پۇل سىياسىتىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشنى يېتەكچى قىلىپ، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش تەلەپ قىلىندى؛ ساقلانما مۈلۈكنى يەنىمۇ جانلاندۇرۇپ، ئىجتىمائىي مەبلەغ سېلىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كۆپەيتىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنىڭ ئۆسۈمىنى باسقۇچلۇق كەچۈرۈم قىلىش ھەمدە دىرىنى كېچىكتۈرۈپ قايتۇرۇشقا رۇخسەت قىلىش قارار قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېڭى بىر نۆۋەتلىك يۇقۇم، خەلقئارا ۋەزىيەت ئۆزگىرىشىنىڭ مۆلچەردىكىدىن ئېشىپ كېتىشىنىڭ تەسىرىدە، 4-ئايدا ئىقتىسادنىڭ يېڭى چېكىنىش بېسىمى يەنىمۇ ئاشتى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارغا توغرا قاراپ، ئىقتىسادىي چوڭ تەخسىنى كۈچەپ مۇقىملاشتۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەشنى ئاساس بىلەن تەمىنلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

  بىرىنچى، مالىيە، پۇل سىياسىتىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشنى يېتەكچى قىلىپ، باجنى قايتۇرۇش، كېمەيتىش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنىڭ ھەممىسى بازار سۇبيېكتىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قارىتىلغان. كۆپ خىل سىياسەت قوراللىرىنى يەنىمۇ تەتقىق قىلىپ ئىشلىتىپ، يەرلىكنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ ھەم مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، ھەقىقىي تۈردە ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك.

  ئىككىنچى، مال باھاسىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم. دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى ئېھتىياجى بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك، لېكىن سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى چىڭ تۇتۇپ، ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارى ۋە تەمىنلەشنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، مال باھاسى ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، ئەشيا ئوبوروتى، بولۇپمۇ نۇقتىلىق رايونلارنىڭ ئەشيا ئوبوروتىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك.

  ئۈچىنچى، ئېنېرگىيە بىلەن نورمال تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش لازىم. ئالدىنقى مەزگىلدە مەركەز توك تارقىتىش كارخانىلىرىغا ھاسىلىي ئېنېرگىيە تولۇقلىمىسىدىن 50 مىليارد يۈەن ئاجرىتىپ، دۆلەت كاپىتالى تىجارىتى خامچوتىغا 20 مىليارد يۈەن مەبلەغ كىرگۈزۈش ئاساسىدا، يەنە 50 مىليارد يۈەن ياردەم مەبلىغى ئاجرىتىلىدۇ، 10 مىليارد يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، كۆمۈر ئېلېكتىر كارخانىلىرىنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشى ۋە كۆپ توك تارقىتىشىغا مەدەت بېرىلىدۇ. سىياسەتنى ئەلالاشتۇرۇپ، ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىلغار كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى بىخەتەر، تەرتىپلىك قويۇپ بېرىش كېرەك. توكنى ئۈزۈۋېتىش، توك ئىشلىتىشكە چەكلىمە قويۇشقا ھەرگىز يول قويۇلمايدۇ.

  تۆتىنچى، نۆۋەتتە قىيىنچىلىقى بار كارخانىلار ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى سىياسىتى جەھەتتىن قوللاش كېرەك. بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن كارخانىلار ئىلتىماس قىلىپ كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرسا بولىدۇ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر نورمال ئاممىۋى فوندى ۋە ئاممىۋى فوندى قەرز پۇلىغا ئىلتىماس قىلسا تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، كارخانىلارنىڭ يۈكى 90 مىليارد يۈەندىن كۆپرەك يېنىكلەيدۇ. ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاممىۋى فوندى قەرز پۇلىنى نورمال قايتۇرمىسا، قەرەلى ئۆتۈپ كەتكەن قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنمايدۇ. جايلار ئاممىۋى فوندىدىن ئۆي ئىجارە ئېلىش سوممىسىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرسە بولىدۇ.

  بەشىنچى، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەققىنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش سىياسىتىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش، يولغا قويۇش مۇددىتىنى ئۇزارتىش تەدبىرلىرىنى چىڭ تۇتۇپ تەتقىق قىلىپ، جايلارنىڭ ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار، يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ سۇ، توك، گاز قاتارلىق خىراجەتلىرىگە تولۇقلىما بېرىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق ساقلانما مۈلۈكنى جانلاندۇرۇش ___ ئىجتىمائىي مەبلەغ سېلىش يوللىرىنى كېڭەيتىش ۋە ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىش، ھۆكۈمەتنىڭ قەرز خەۋپ-خەتىرىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق.

  بىرىنچىدىن، كۆچمەس مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش ھاۋالە فوندى قاتارلىقلارنى تارقىتىش ئارقىلىق، جانلاندۇرۇشقا ئىلھام بېرىش كېرەك. جايلارنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە تۈرلەر بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، مەبلەغ سېلىشقا قاتناشقان تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش كېرەك.

  ئىككىنچىدىن، بازارلاشقان تىجارەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلەرنىڭ پايدا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يىغىۋېلىنغان مەبلەغنى يېڭى تۈرگە سېلىشتا، مەخسۇس قەرز بىلەن قوللاشقا بولىدۇ.

  ئۈچىنچىدىن، بازارلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، سودا باھاسىنى ئوچۇق-ئاشكارا بېكىتىش كېرەك. ئۇل ئەسلىھەلەرنى پۇختا يۈرۈشتۈرۈپ، ئاممىۋى مەنپەئەتكە كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: دۆلەتنىڭ ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مائارىپنى ئادىل قوبۇل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم تۈزۈم. بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىدا تارىخىي يېڭى رېكورت يارىتىلدى، ئۇلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، يىغىندا بۇ يىل ۋە ئالدىنقى يىلى ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ يىل قايتۇرۇشقا تېگىشلىك دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنىڭ ئۆسۈمىنى كەچۈرۈم قىلىش، ئۆسۈمسىز مەبلەغنى دۆلەت مالىيەسى ئۈستىگە ئېلىش قارار قىلىندى؛ دىرىنى بىر يىل كېچىكتۈرۈپ قايتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، تەكرار ئۆسۈم ھېسابلانمايدۇ. ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار يۇقۇم سەۋەبىدىن بۇ يىل ۋاقتىدا قەرز قايتۇرالمىسا، ئىناۋەتكە تەسىر يەتمەيدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، 2 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق ئۆسۈم كەچۈرۈم قىلىنىپ، 5 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق دىرى قايتۇرۇلۇپ، 4 مىليوندىن ئارتۇق ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىغا نەپ يەتكۈزۈلىدىكەن. ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر ۋە ئالاقىدار پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى خىزمەتلەرنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىشتە سىياسەتتىن بەھرىمەن بولۇش كېرەك.

  يىغىندا باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ