2- تۈركۈمدىكى «ئەڭ گۈزەل ئورمان-ئوتلاق پەن-تېخنىكا كېڭەيتىش خادىمى» ئىسىملىكى ئېلان قىلىندى
شىنجاڭدىن 4 ئادەم تاللاندى
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئورمان-ئوتلاق پەن-تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دەل-دەرەخ، ئوت-چۆپ پەن-تېخنىكىسىنى كېڭەيتىشتىكى ئىلغار تىپلارنى تاللاپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىختىساسلىقلىرى بىلەن تەمىنلەشنى كۈچەيتىپ، ئورمان-ئوتلاق پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى يۆتكەش، ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، 2021-يىلى 8-ئايدا، دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى 2-تۈركۈمدىكى «ئەڭ گۈزەل ئورمان-ئوتلاق پەن-تېخنىكىسىنى كېڭەيتكۈچىلەرنى ئىزدەش» تەشۋىقات پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، جايلاردا نامزات كۆرسىتىش ئاساسىدا دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ، 100 نەپەر «ئەڭ گۈزەل ئورمان-ئوتلاق پەن-تېخنىكا كېڭەيتىش خادىمى»نى تاللاپ چىقتى ھەمدە ئېلان قىلدى.
شىنجاڭدىن تاللانغان 4 كىشى: قەشقەر ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىدىن جاڭ چياڭ، قاراقاش ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىدىن مۇتەللىپ تۇرسۇن، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مۇلازىمەت مەركىزىدىن سۇڭ ۋېي ۋە بىڭتۇەن 5-شى 83-تۇەن يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات مۇلازىمەت مەركىزىدىن گو جيەنشىن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ