مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭدا خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئىستېمال ئېيىدا يەنە ئېتىبار بېرىش يولغا قويۇلدى

52 مىليون يۈەن ياردەم پۇلى ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈردى

2022.03.15 22:43 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 11-كۈنى، «شىنجاڭنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئىستېمال ئېيى» نۇقتىلىق پائالىيىتىنىڭ بىرى بولغان «ۋەنداپەي − چەكسىز ھاياتىي كۈچكە تولغان سېتىۋېلىش بايرىمى» باشلاندى. پائالىيەت 3-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، جەمئىي 52 مىليون يۈەن تولۇقلىما بېرىلدى، 1000دىن ئارتۇق سودىگەر پايدىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش، دەرھال كېمەيتىش، ئىستېمال توشسا كېمەيتىش، نەق پۇل چېكى تارقىتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق پاراۋانلىق تارقاتتى.

  باش باھاردىكى ئالماشتۇرۇپ سېتىۋېلىش ئىستېمال پەسلىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئىستېمالنى تولۇقلاش ۋە يوشۇرۇن كۈچنى قويۇپ بېرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى «ھۆكۈمەت يېتەكلەش، كارخانا يېتەكچىلىك قىلىش، بازار يۈرۈشتۈرۈش، تاراتقۇلار ياردەم بېرىش، ئىستېمالچىلار مەنپەئەتلىنىش» پىرىنسىپىغا ئاساسەن، 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا «شىنجاڭنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئىستېمال ئېيى» پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردى.

  «ۋەنداپەي − چەكسىز ھاياتىي كۈچكە تولغان سېتىۋېلىش بايرىمى» پائالىيىتى مەزگىلىدە ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، نۇقتىلىق ھالدا تاللا بازىرى، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، كىيىم-كېچەك، زىبۇ-زىننەت، ئالتۇن، ئۈنچە-مەرۋايىت، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق ئىستېمال ساھەلىرىگە دەل جايىدا تولۇقلىما بېرىپ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇشى، كەسىپلەرنىڭ ئۆزئارا تۈرتكە بولۇشى، تىجارەتچىلەرنىڭ مۇستەقىل پائالىيىتى ئارقىلىق ئىستېمالنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەندى.

  ۋەندا سودا باشقۇرۇش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى شۆبە شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى لۇڭ شياڭئەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئىستېمالچىلار ۋەندا مەيدانىدا تاللا بازىرى تاۋارلىرىنىڭ باھاسى بىر يۈەنگە چۈشۈش، كىيىم-كېچەك تۈرىدىكى ماللارنىڭ باھاسى % 31.4 كە چۈشۈش، ئەزالار يېمەك-ئىچمەكتە مەخسۇس بەھرىمەن بولىدىغان 69 يۈەنلىك ئۆمەك 100 يۈەنلىك پۇلى قاتارلىق ئېتىبارلاردىن بەھرىمەن بولالايدۇ. كېيىنكى يېرىم يىلدا ۋەندا شىركىتى يەنە ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كۆپ خىل تولۇقلىما بېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، توردا سېتىش سىستېمىسىنى راۋانلاشتۇرۇش، بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ مەخسۇس تولۇقلىما پۇلىنى ھەمتۈرتكە قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، ئىستېمالنىڭ جانلىنىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە يەنە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى كارخانىلىرى، نۇقتىلىق سودىگەرلەرنىڭ كۈچى مۇجەسسەملىنىپ، ئىستېمالنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، سىغىمىنى كېڭەيتىش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئەڭ زور چەكتە خەلققە نەپ يەتكۈزۈلدى.

  شىنجاڭ ۋوجيا ئېلېكتىر سايمانلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى دېڭ يەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئىستېمالغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ۋوجيا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى 10 مىليون يۈەنلىك ئىستېمال ياردەم تولۇقلىمىسى تارقاتتى، ئىستېمالچىلار ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى ئېتىبار باھادا سېتىۋالغاندىن كېيىن، يەنە % 10 پايدىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولدى، يەنە قىسمەن ئېلېكتىر سايمانلىرىنى ھەقسىز ئورنىتىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر يولغا قويۇلدى.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز دىققەتنى قار-مۇز ئاساسىي تېمىسى، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئۆي جاھازلىرى، ئاپتوموبىل، تەييار ماي، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق نۇقتىلىق تاۋارلار ۋە مۇلازىمەت ئىستېمالىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى جايلار شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، تور ۋە تور سىرتىدا ھەمتۈرتكە بولىدىغان، شەھەر-يېزىلار ماسلاشقان، كۆپ مەنبەلىك يۇغۇرۇلغان ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش ئىستېمال پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پائالىيەت كۆرۈنۈشى ۋە پائالىيەت شەكلىدە يېڭىلىق ياراتتى، ياخشى ئىستېمال مۇھىتى ۋە كەيپىياتى يارىتىپ، ئىستېمالنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ