مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تەپتىش ئورگانلىرى ياڭ فۇلىننىڭ پارا ئېلىشقا چېتىشلىق دېلوسىغا قانۇن بويىچە ئەيىبنامە سۇندى

2022.03.15 22:43 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ سابىق مۇئاۋىن قوماندانى، بىڭتۈەن پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق شۇجىسى ياڭ فۇلىننىڭ پارا ئېلىش دېلوسىنى دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇردى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ بېكىتىشى بىلەن، شەندۇڭ ئۆلكىسى جىنەن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ ئەيىبلىدى. يېقىندا جىنەن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جىنەن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرزنامە سۇندى.

  تەپتىش ئورگىنى تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش باسقۇچىدا جاۋابكار ياڭ فۇلىننىڭ بەھرىمەن بولىدىغان دەۋا ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە ئۇقتۇردى ھەمدە جاۋابكاردىن سوئال سورىدى، ئاقلىغۇچىنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدى. تەپتىش ئورگىنى ئەرز قىلىپ مۇنداق ئەيىبلىدى: ياڭ فۇلىن بىڭتۈەن يېزا ئىگىلىك 6-شىسى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شىجاڭى، بىڭتۇەن يېزا ئىگىلىك 14-شىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، سىياسىي كومىسسارى، شىجاڭى، بىڭتۈەن 3-شىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، سىياسىي كومىسسارى، تۇمشۇق شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، بىڭتۈەننىڭ مۇئاۋىن قوماندانى، بىڭتۈەن پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەردىكى قولايلىقلاردىن پايدىلىنىپ، ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ قۇرۇلۇش تۈرىنى ھۆددىگە ئېلىش، ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈش، دېلونى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە پايدا يەتكۈزۈپ، باشقىلار سوۋغا قىلغان پۇل-مالنى قانۇنسىز قوبۇل قىلغانلىقى، سوممىسى پەۋقۇلئاددە كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن، قانۇن بويىچە پارا ئېلىش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ