مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايون قىسمەن پېشقەدەم كادىرلارنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئېكسكۇرسىيە، ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى

2021.09.22 11:38 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  9 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايون قىسمەن پېشقەدەم كادىرلارنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئېكسكۇرسىيە، ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى.

  8 ـ ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى خاتىرە سارىيىدا، ھەقىقىي تارىخىي سۈرەتلەر، قىممەتلىك ھۆججەت ۋە ئەمەلىي بۇيۇملار تىللاردا داستان بولغۇدەك ئىنقىلابىي ھېكايىلەرنى بايان قىلىپ، قەتئىي قورقماس ئىنقىلابىي روھنى نامايان قىلىپ، پېشقەدەم كادىرلارنى چوڭقۇر تەربىيەگە ئىگە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق رەئىسى ئەسقەت كەرىمباي مۇنداق دېدى: خاتىرە ساراي جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە خەلقنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، شىنجاڭدا قەتئىي تىز پۈكمەي ئىنقىلاب ۋە كۈرەشلەرنى ئېلىپ بارغان تارىخىنى ئومۇميۈزلۈك قايتا نامايان قىلغان بولۇپ، تەربىيەۋى ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور. بۇ يىل پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، بىز شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنىڭ پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق مەڭگۈ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

  «مەن ھەر قېتىم بۇ يەرگە كېلىپ ئېكسكۇرسىيە، ئۆگىنىشتە بولسام يېڭى ھاسىلاتقا ئېرىشىمەن. بىز گەرچە پېنسىيەگە چىققان بولساقمۇ، لېكىن سىياسىي خىسلىتىمىزنى يوقىتىپ قويساق بولمايدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن پارتىيەنىڭ تارىخى ۋە پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى يەنىمۇ ياخشى ئۆگىنىپ، قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، دەۋر قەدىمىگە چىڭ ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا پائال تۈرتكە بولىمىز» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى خۇاڭ سەنپىڭ.

  پېشقەدەم كادىرلار ئۈرۈمچى ناھىيەسىگە جايلاشقان شيەنلەي كىچىك بازىرىنىڭ كۇەنجەي شياڭزى مەدەنىيەت ـ ساياھەت پىيادىلەر كوچىسىدا، ئېكسكۇرسىيە قىلغاچ تىجارەتچىلەر بىلەن پاراڭلىشىپ، تىجارەت ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. بۇ پىيادىلەر كوچىسى مەدەنىيەت ـ ساياھەت، ئىستىراھەت ـ دەم ئېلىش، ئۆزگىچە تائاملار بىرگەۋدىلەشتۈرۈلگەن مەدەنىيەت ـ ساياھەت ئۇنىۋېرسال تۈرى بولۇپ، بۇ يەردە شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە تائاملىرىغا ئېغىز تەگكىلى بولىدۇ، بۇ كوچا ساياھەتچىلەرنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەن، توردا ئالقىشلانغان كۆرگۈچىلىكى بار جاي.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى چۆجۈپ ئېكسكۇرسىيە قىلغاندىن كېيىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «پىيادىلەر كوچىسىنىڭ ئومۇمىي يىرىك پىلان ئورۇنلاشتۇرمىسى مۇۋاپىق ۋە ناھايىتى ئۆزگىچە بوپتۇ، بۇ يەر ئىستىراھەت ـ دەم ئېلىش ئۈچۈن بارىدىغان ياخشى جاي ئىكەن. نەنسەن تېغىنىڭ گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىسىگە تايىنىپ، بۇ جاي چەكسىز تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىگە تولۇپتۇ.»

  «شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجە ـ ئۈنۈمگە ئېرىشتى. بۇ جاي شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئىناق ـ مۇقىم بولغان، خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال ـ خۇرام ئىشلەيدىغان گۈزەل مەنزىرىسىنىڭ بىر ئىخچام كارتىنىسى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى رىزۋان ئەبەي.

  ئۈرۈمچى ناھىيەسىگە جايلاشقان شۇيشىگۇ قار ـ مۇز تەنھەرىكىتى خاس كىچىك بازىرى قار ـ مۇز تەنھەرىكىتى، بەدەن چېنىقتۇرۇش، ئىستىراھەت ـ دەم ئېلىشنى بىرگەۋدە قىلغان، كۆپ خىل كەسىپ ھالىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، پېشقەدەم كادىرلار كىچىك بازارغا كېلىپ، «مىللىي كەشتىچىلىك سارىيى» قاتارلىق باش تېمىدىكى كۆرگەزمە سارايلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، مەھسۇلاتلارنىڭ سېتىلىش يولى ۋە كىرىمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ شۇيشىگۇ بازىرى پىڭشىلياڭ كەنتىدە، پېشقەدەم كادىرلار پۇقراۋى قونالغۇ رايونىغا كېلىپ، پۇقراۋى قونالغۇ كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى، ساياھەتچىلىكنىڭ بۇ كەنتنىڭ تۈۋرۈك كەسپىگە ئايلانغانلىقىنى بىلگىنىدە، كۆپچىلىك ناھايىتى ھاياجانلاندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى لى شياڭلىن مۇنداق دېدى: «بۇ بىرنەچچە يىلدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ـ ئۈنۈمگە ئىگە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. بۇ قېتىمقى ئېكسكۇرسىيە، ئۆگىنىشتە، بىزنىڭ تەسىراتىمىز ناھايىتى چوڭقۇر بولدى. ئۈرۈمچى ناھىيەسى مول ساياھەت بايلىقىغا تايىنىپ، ساياھەت يېڭى كەسىپ ھالىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز بېيىشىغا تۈرتكە بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، دېھقان ـ چارۋىچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، بىر يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىنى تېپىپ چىقىپتۇ.»

  ئېكسكۇرسىيە، ئۆگىنىش ئارقىلىق، پېشقەدەم كادىرلار ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا قارىتا ئىشەنچكە تولۇپ، بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئۇنتۇماي، سىياسىي خىسلىتىمىزنى مەڭگۈ ساقلاپ، باشتىن ـ ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئۆز ئەۋزەللىكىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئەقىل ـ پاراسىتىمىز ۋە كۈچىمىزنى قوشىمىز.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ