مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مېكسىكا مۇستەقىللىق ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 200 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن​

شى جىنپىڭ مېكسىكا زۇڭتۇڭى لوپېزغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2021.09.18 09:01 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى مېكسىكا زۇڭتۇڭى لوپېزغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، مېكسىكا مۇستەقىللىق ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 200 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مېكسىكا ئۇزاق تارىخقا ۋە شانلىق مەدەنىيلىككە ئىگە لاتىن ئامېرىكىسىدىكى مۇھىم دۆلەت. تەرەققىيات مۇساپىسىدە، مېكسىكا خەلقى ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپە قوشتى. ھازىر، زۇڭتۇڭ ئەپەندى يېڭى تەرەققىيات ئۆزگىرىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىۋاتىدۇ، جۇڭگو تەرەپ دۆلىتىڭلارنىڭ دۆلەت قۇرۇلۇشى ئىشلىرىدا يېڭى، تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈشىگە چىن كۆڭلىدىن تىلەكداشلىق بىلدۈرىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن مېكسىكا ھەر ئىككىلىسى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، كەڭ ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە. 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ۋە ئەسىر يۇقۇمى ئالدىدا، جۇڭگو بىلەن مېكسىكا جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولدى، ئۆزئارا ھەمدەم بولدى، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقى يۈكسىلىشكە ئېرىشتى. مەن جۇڭگو - مېكسىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، سىز بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو - مېكسىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەتكە ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ