شى جىنپىڭ شەنشىدە تۇرۇشلۇق قىسىمنىڭ مەلۇم بازىسىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى

​دىققەتنى ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈشكە، جەڭ قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشنى تېزلىتىپ، بۇرچ، ۋەزىپىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك

2021.09.18 08:58 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 9 - ئاينىڭ 15 - كۈنى شەنشىدە تۇرۇشلۇق قىسىمنىڭ مەلۇم بازىسىغا بېرىپ كۆزدىن كەچۈرۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن، بازىدىكى بارلىق ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرگە سەمىمىي سالام يوللىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈشكە، جەڭ قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشنى تېزلىتىپ، بۇرچ، ۋەزىپىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، دۇنيا بويىچە 1 - قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قۇرۇش، ئالەم قاتنىشى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  ئالتۇن كۈزدە، قەدىمىي شەھەر شىئەننىڭ ئاسمىنى كۆك، ھاۋاسى ساپ بولۇپ، مەنزىرىسى كىشىنى جەلپ قىلاتتى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دىن 30 مىنۇتلار ئەتراپىدا، شى جىنپىڭ بازىنىڭ گازارما رايونىغا كەلدى. قىزغىن ئالقىش ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ شىئەندە تۇرۇشلۇق قىسىمدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى، كۆپچىلىك بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

  ئارقىدىن، شى جىنپىڭ بازىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ بازىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان دۆلىتىمىزنىڭ ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا جارى قىلدۇرغان مۇھىم رولىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئالەم قاتنىشى بويىچە قويۇپ بېرىش زىچلىقى چوڭىيىش، تەلەپ يۇقىرىلاشتەك ئەمەلىيەتكە ماسلىشىپ، تەشكىلىي ئەندىزىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئۆلچەش - تىزگىنلەش تېخنىكىسى ۋە ۋاسىتىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئۆلچەش - تىزگىنلەشنىڭ ئىنتايىن توغرا، ئىشەنچلىك، تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. دۆلەت ئالەم بوشلۇقى سىستېمىسىنىڭ يۈرۈشۈشىنى باشقۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ يولغا قويۇپ، باشقۇرۇش ۋە پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئالەم بوشلۇقى بايلىقى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك بايلىقى، ياخشى باشقۇرۇش، ياخشى پايدىلىنىش، شۇنداقلا ياخشى قوغداش كېرەك. مۇداپىئەلىنىش - قوغداش كۈچى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش، سانلىق مەلۇماتنى زاپاس ساقلاش، ۋەيران قىلىشقا تاقابىل تۇرۇپ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاش، ئۇچۇر مۇداپىئەلىنىش - قوغداش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئالەم بوشلۇقى قاتنىشىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئالەم بوشلۇقى سىستېمىسىنىڭ مۇقىم، تەرتىپلىك يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئالەم بوشلۇقى بىخەتەرلىكى بويىچە خەلقئارا ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ئالەم بوشلۇقى كىرىزىسىنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش ۋە ئۇنىۋېرسال تۈزەش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بازا زىممىسىگە ئالغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ياخشى تاماملاشتا، جەزمەن پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەردىكى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ياخشى تۇتۇپ، «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ» روھى، ئالەم قاتنىشى ئۆلچەش - تىزگىنلەش روھىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇش، بۇرچىنى ئادا قىلىشتىكى ئىدىيەۋى سىياسىي ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، قىسىمنىڭ پاكلىقى، مۇستەھكەملىكىنى ۋە يۈكسەك مەركەزلەشكەن بىرلىكىنى ساقلاش كېرەك. ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنى قاراتمىلىق ھالدا ياخشى ئىشلەپ، ئىختىساسلىقلار تىرىكىنى كۈچەيتىپ مۇستەھكەملەش كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇپ، ئاساسنى چىڭىتىپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، بازا قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

  شۈ چىلياڭ قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ