شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 21 - قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

​شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى «شاڭخەي روھى» بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، تېخىمۇ زىچ بولغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشى كېرەك، دەپ تەكىتلىدى

2021.09.22 09:21 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا سىنلىق شەكىلدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 21 - قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشتى ھەم «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغان 20 يىلدىن بۇيان، باشتىن - ئاخىر «ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، باراۋەر بولغان، كېڭىشىدىغان، كۆپ خىل مەدەنىيلىككە ھۆرمەت قىلىدىغان، ئورتاق تەرەققىياتنى كۆزلەيدىغان» «شاڭخەي روھى»غا ئەمەل قىلىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى - تەرەققىياتى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرىغا كۈچەپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن مۇھىم نەزەرىيەنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئەمەلىيەت ئۈستىدە ئىزدەندى. بىز سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، «ھەمراھلاردىن بولۇش، ئەمما ئىتتىپاق تۈزمەسلىك، سۆزلىشىش، ئەمما قارشىلاشماسلىق» يېپيېڭى ئەندىزىسىنى ياراتتۇق؛ خەۋپسىزلىك، مۇقىملىقنى ئورتاق قوغداپ، زەھەر ئەتكەسچىلىكى، توردا جىنايەت ئۆتكۈزۈش، دۆلەت ھالقىغان تەشكىللىك جىنايەتنىڭ يامراش يۈزلىنىشىنى قەتئىي توستۇق؛ گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىشنى ئورتاق كۆزلەپ، رايون ئەمەلىي ھەمكارلىقىنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدۇق؛ خەلقئارا ئەخلاق - ھەققانىيلىقنى بىرلىكتە زىممىمىزگە ئېلىپ، كۆپ تەرەپچىللىك ۋە پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇش توغرىسىدا جاراڭلىق سادا ياڭراتتۇق، زومىگەرلىك ۋە زوراۋانلىق سىياسىيسىغا قارشى تۇرۇش توغرىسىدا ئادىل مەيدانىمىزنى ئىپادىلىدۇق.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرماقتا. بىز «شاڭخەي روھى» بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، خەلقئارا مۇناسىۋەتنى دېموكراتىيەلەشتۈرۈش تارىخىي ئېقىمىدا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئىگىلەپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىش ئۇلۇغۋار ۋەزىيىتىدە ئۆز تەرەققىياتىمىزنى ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ زىچ بولغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، دۇنيانىڭ ئۇزاققىچە تىنچ بولۇشى ۋە ئورتاق گۈللىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك. شى جىنپىڭ بەش تۈرلۈك تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  بىرىنچى، ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىش يولىدا مېڭىش كېرەك. سىياسەت جەھەتتە سۆزلىشىش ۋە ئالاقىلىشىپ ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، بىر - بىرىنىڭ مۇۋاپىق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلىرىگە ھۆرمەت قىلىپ، ھەمكارلىق داۋامىدا كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى بىرلىكتە پۇختا ئىگىلەش كېرەك. تۈزۈم ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، «ئەقىلدار»لارچە ھاكاۋۇرلۇق بىلەن قىلىنغان تەلىم بېرىشلەرنى ھەرگىز قوبۇل قىلماي، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ۋە ئىدارە قىلىش ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى قەتئىي قوللاپ، تاشقى كۈچلەرنىڭ ھەرقانداق باھانە بىلەن رايون دۆلەتلىرىنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشىغا ھەرگىز يول قويماي، ئۆز دۆلىتىنىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشىنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىنى ئۆز قولىدا مەھكەم ئىگىلەش كېرەك.

  خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش ئىدىيەسىگە ئەمەل قىلىپ، ئىلىم - پەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ۋاكسىنىنى ئادىل، مۇۋاپىق تەقسىملەشكە تۈرتكە بولۇپ، ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈشنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا قەتئىي قارشى تۇرۇش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ بۈگۈنگىچە 100دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتنى 1 مىليارد 200 مىليون ۋاكسىنا ۋە ۋاكسىنا ئەسلىي سۇيۇقلۇقى بىلەن تەمىنلىدى، پۈتۈن يىلدا دۇنيانى 2 مىليارد ۋاكسىنا بىلەن تەمىنلەشنى تېزدىن ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋاكسىنىسى ئەملەشنى يولغا قويۇش پىلانى»غا ئىئانە قىلغان 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىنسانلارنىڭ يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىدۇ.

  ئىككىنچى، ئامانلىق ۋە خەۋپ - خەتەرنى ئورتاق زىممىگە ئېلىش يولىدا مېڭىش كېرەك. ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىشىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان خەۋپسىزلىك قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» قاتارلىق «ئۈچ خىل كۈچ»كە قاتتىق زەربە بېرىپ، زەھەر چەكلەش، چېگرا مۇداپىئەسى، چوڭ تىپتىكى پائالىيەتلەردە ئامانلىق قوغداش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقى مېخانىزمىنى تېزدىن مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى مەسئۇل تارماقلارنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش، تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەر ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئافغانىستان ۋەزىيىتىنىڭ تەكشى، سىلىق ئۆتۈپ، ھەقىقىي تۈردە تىنچلىق، مۇقىملىق، تەرەققىيات يولىغا مېڭىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  ئۈچىنچى، ئېچىۋېتىش، يۇغۇرۇلۇش يولىدا مېڭىش كېرەك. سودا ۋە سېلىنمىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، خادىم، مال، مەبلەغ، سانلىق مەلۇماتنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك يۆتكىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، رەقەملىك ئىقتىساد، يېشىل ئېنېرگىيە، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىقىنىڭ ئېشىش نۇقتىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ھەم ياۋروپا - ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقى قاتارلىق رايون ھەمكارلىقى تەشەببۇسى بىلەن چوڭقۇر ئۇدۇللىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇقىم، راۋان بولۇشىنى قوغداپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، تەرەققىياتىنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇشى، نەتىجىلىرىنىڭ ھەمبەھرىلىك بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  جۇڭگو تەرەپ بازار پۇرسىتىدىن داۋاملىق بەھرىمەن بولۇپ، تىرىشىپ كەلگۈسى بەش يىلدا بۇ تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن جەمئىي 2 تىرىليون 300 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق سودا سوممىسى نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو - شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىقتىساد - سودا شۆيۈەنى تەسىس قىلىدۇ، 2 - قارارلىق مەخسۇس قەرز پۇلنى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىغا ئىشلىتىشنى يولغا قويۇشنى باشلايدۇ، زامانىۋىلاشقان ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قاتارلىق تۈرلەرنى نۇقتىلىق قوللايدۇ.

  تۆتىنچى، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش يولىدا مېڭىش كېرەك. ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكلەرنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى، سۆزلىشىشى، ئىناق بىللە ئۆتۈشىنى تەشەببۇس قىلىپ، پەن - تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە، نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق ساھەلەردە ئاممىغا يېقىن بولغان، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەيدىغان تېخىمۇ كۆپ تۈرلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك. كەلگۈسى ئۈچ يىلدا، جۇڭگو تەرەپ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنى نامراتلارنى يۆلەش تەربىيەسى بويىچە 1000 سان بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئون لۇ بەن ھۈنەرخانىسى قۇرىدۇ، «يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەتلەر خەلقلىرى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ھەرىكىتى رامكىسى ئىچىدە سەھىيە - ساغلاملىق، نامراتلارنى يۆلەش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، مەدەنىيەت، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردە 30 ھەمكارلىق تۈرىنى قانات يايدۇرىدۇ. جۇڭگو تەرەپ كېلەر يىلى بۇ تەشكىلاتنىڭ ياشلار پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇنبىرىنى ئۆتكۈزىدۇ، بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەنئەنىۋى تېببىي دورىگەرلىك كەسىپ ئىتتىپاقى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ 2022 - يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، بىر نۆۋەتلىك تېجەشلىك، بىخەتەر، قالتىس ئولىمپىك تەنھەرىكەت كاتتا مەرىكىسىنى ئورتاق نامايان قىلىشىنى قارشى ئالىدۇ.

  بەشىنچى، ئادىللىق، ھەققانىيلىق يولىدا مېڭىش كېرەك. «بىر مەھەل كۈچلۈك ياكى ئاجىزبولۇش كۈچكە باغلىق، ئۇزاق مۇددەتلىك يېڭىش - يېڭىلىش داۋلىغا باغلىق.» خەلقئارادىكى ئىشلارنى ھەل قىلىشتا، ئاتالمىش «ئەمەلىي كۈچ ئورنى»دىن چىقىش قىلىپ، زومىگەرلىك، مۇشتۇمزورلۇق، زوراۋانلىقنى يۈرگۈزۈشكە بولمايدۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىنى مىزان قىلىپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئاتالمىش «قائىدە» بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ خەلقئارا تەرتىپكە بۇزغۇنچىلىق قىلىش، قارشىلىشىش ۋە بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىش قىلمىشلىرىغا قارشى تۇرۇش كېرەك. ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ھەمكارلىق قارىشىنى قەتئىي ساقلاپ، سىغدۇرۇشچان، ئومۇمىي مەنپەئەتدار تەرەققىيات كېلەچىكى يارىتىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۈزلۈكسىز زورىيىۋاتقان «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چوڭ ئائىلىسى»نىڭ دۇنيادىكى بارلىق تەرەققىيپەرۋەر كۈچلەر بىلەن بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەپ، ئورتاق ھالدا دۇنيا تىنچلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى، يەر شارىۋى تەرەققىياتنىڭ تۆھپىكارى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: بىز «شاڭخەي روھى» بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت جاھاندىكى توغرا يولنى بويلاپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلايلى!

  شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى تاجىكىستاننىڭ زۇڭتۇڭى راخمان يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېۋ، قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جاپاروۋ، پاكىستان زۇڭلىسى ئىمران خان، ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيويېۋ قاتارلىق ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى نوروۋ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رايون تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئاپپاراتى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى گىئوسوۋ قاتارلىق دائىمىي ئاپپاراتلارنىڭ مەسئۇللىرى ھەمدە بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭى لۇكاشېنكو، ئىران زۇڭتۇڭى لەيشى قاتارلىق كۆزەتكۈچى دۆلەتلەر رەھبەرلىرى ۋە رەئىس دۆلەتنىڭ مېھمىنى تۈركمەنىستان زۇڭتۇڭى بەردىمۇھەممەدوۋ يىغىنغا قاتناشتى. رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، ھىندىستان زۇڭلىسى مودى، موڭغۇلىيە دۆلىتىنىڭ زۇڭتۇڭى كۈرىلسۇخې، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس سىنلىق شەكىلدە يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغان 20 يىلدىن بۇيان، سىياسىي، ئىقتىساد، خەۋپسىزلىك، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردە قولغا كەلتۈرۈلگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلەپ ئۆتۈپ ھەم ئىجابىي باھا بېرىپ، مۇنداق بىلدۈردى: «شاڭخەي روھى»نى داۋاملىق ئاساس قىلىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا قوللاپ، باراۋەر، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىپ، ئورتاق مەنپەئەتنى قوغداپ، يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى خىرىسلارغا ھەمكارلىشىپ تاقابىل تۇرۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سىجىل، ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايوننىڭ ئومۇميۈزلۈك خەۋپسىزلىكى ۋە ئورتاق گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىمىز. ھەرقايسى تەرەپلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا ھەمكارلىشىپ تاقابىل تۇرۇپ، ۋاكسىنا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ۋىرۇس مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈشنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا قارشى تۇرۇش كېرەك. ئىقتىساد - سودا، ئېنېرگىيە، يېڭىلىق يارىتىش، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، رەقەملىك ئىقتىساد، مۇھىت قوغداش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، رايون دۆلەتلىرى خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىش كېرەك. كۆپ تەرەپچىللىكنى قوللاپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىنى قوغداپ، خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ دېموكراتىيەلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زومىگەرلىك، يەككە تەرەپچىللىككە قارشى تۇرۇپ، دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇقنى باھانە قىلىپ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشقا قارشى تۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات يولىنى ئۆز ئالدىغا تاللىشىنى قوللاش كېرەك. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە دۆلەت ھالقىغان جىنايەتكە كۈچنى بىرىكتۈرۈپ زەربە بېرىپ، رايون خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغداش كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ ياۋروپا - ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقى قۇرۇلۇشى بىلەن ئۇدۇللىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى قوللاش كېرەك. ھەرقايسى تەرەپلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تەنتەربىيە ھەرىكىتىنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا قارشى تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈشىنى قوللايمىز. ھەرقايسى تەرەپلەر ئافغانىستان ۋەزىيىتىگە يۈكسەك دىققەت قىلىپ، ئافغانىستاننىڭ تېررورىزمنىڭ تەھدىتىنى يوقىتىشى، تىنچلىق ۋە قايتا قۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قوللايدۇ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بۇنىڭ ئۈچۈن پائال رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.

  يىغىندا ئىراننى ئەزا دۆلەتلىككە قوبۇل قىلىش تەرتىپى قوزغىتىلدى، سەئۇدى ئەرەبىستانى، مىسىر، قاتار يېڭى سۆزلىشىش ھەمراھى قىلىپ قوبۇل قىلىندى.

  يىغىندا، ئۆزبېكىستاننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋېلىشى قارار قىلىندى.

  ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرى «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 20 يىللىقى دۈشەنبە خىتابنامىسى»نى ئىمزالىدى ھەم بىر يۈرۈش قارارلارنى تەستىقلىدى. يىغىندا يەنە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئاشلىق بىخەتەرلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىققا ئالاقىدار بايانات ئېلان قىلىندى.

  دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  ۋاڭ يى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى سۈپىتىدە تاجىكىستاندىكى نەق مەيداندا يىغىنغا قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ