مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ ئافغانىستان مەسىلىسى توغرىسىدا ئۈچ تۈرلۈك پىكىر-تەكلىپ بەردى

2021.09.18 22:36 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 17-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا سىن شەكلىدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە كوللېكتىپ خەۋپسىزلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ ئافغانىستان مەسىلىسى بىرلەشمە باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ ئافغانىستان مەسىلىسى توغرىسىدا مۇنداق ئۈچ تەكلىپ بەردى: بىرىنچى، ئافغانىستان ۋەزىيىتىنىڭ تېزدىن سىلىق ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولۇش لازىم. ئافغانىستاندىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ سۆزلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق بالدۇرراق سىغدۇرۇشچان سىياسىي ئورۇنلاشتۇرۇش ھاسىل قىلىشىنى قوللاش لازىم. ئافغانىستاندىكى ئالاقىدار تەرەپلەرنى چېگرا ئىچىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قەتئىي زەربە بېرىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئافغانىستاندا مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇۋاتقان تېررورلۇق كۈچلىرىنىڭ ھەر تەرەپكە ئاپەت ئېلىپ كېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دەۋەت قىلىش لازىم.

  ئىككىنچى، ئافغانىستان بىلەن ئۇچرىشىش، سۆھبەتلىشىشنى قانات يايدۇرۇش لازىم. ئەقلىي، ئەمەلىي نۇقتىدىن چىقىش قىلىپ، ئافغانىستاندىكى ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن ئالاقىنى قانات يايدۇرۇپ، ئافغانىستاننىڭ يېڭى ھاكىمىيەت قۇرۇلمىسىنىڭ تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان بولۇشىغا، مۆتىدىل، پۇختا ئىچكى-تاشقى سىياسەتنى يولغا قويۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئەتراپتىكى قوشنا دۆلەتلەر بىلەن دوستانە ئۆتۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە تۈرتكە بولۇش لازىم.

  ئۈچىنچى، ئافغانىستان خەلقىنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك. ئافغانىستاننى ۋاقتىدا ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش مەدىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئافغانىستان خەلقىنىڭ غەم-ئەندىشىدىن خالاس بولۇشىغا ياردەم بېرىش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ بىر تۈركۈم جىددىي ياردەم ماددىي ئەشيالىرىنى تېزدىن توشۇشنى جاكارلىدى ھەم داۋاملىق كۈچىنىڭ يېتىشىچە تېخىمۇ كۆپ ياردەم بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئافغانىستاندىكى قىيىنچىلىق ۋەزىيىتىنىڭ باشلامچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بەزى دۆلەتلەر ئىلگىرىكى ساۋاقلارنى تېخىمۇ قوبۇل قىلىپ، ئافغانىستاننىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ