مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە كوللېكتىپ خەۋپسىزلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ ئافغانىستان مەسىلىسى توغرىسىدىكى بىرلەشمە باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى

2021.09.22 09:25 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا سىنلىق شەكىلدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە كوللېكتىپ خەۋپسىزلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ ئافغانىستان مەسىلىسى توغرىسىدىكى بىرلەشمە باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېقىندا، ئافغانىستان ۋەزىيىتىدە تۈپ خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش يۈزبېرىپ، خەلقئارا ۋەزىيەت، رايون ئەندىزىسى ۋە خەۋپسىزلىك، مۇقىملىققا مۇھىم تەسىر كۆرسەتتى. نۆۋەتتە، ئافغانىستان نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقا دۇچ كەلدى، نورمال تەرتىپنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ۋەزىيەتنى سىلىق ئىزىغا چۈشۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش پۈتكۈل ئافغانىستان خەلقىنىڭ جىددىي مۇھىم ۋەزىپىسى، خەلقئارا جەمئىيەت ۋە رايون دۆلەتلىرىنىڭمۇ يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشىگە توغرا كېلىدۇ. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە كوللېكتىپ خەۋپسىزلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى ئافغانىستاننىڭ يېقىن قوشنىلىرى، كۆپچىلىك تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى، شۇنداقلا خەۋپسىزلىك ئورتاق گەۋدىسى. ئاچقۇچلۇق پەيتتە رولىمىزنى ئورتاق جارى قىلدۇرۇپ، ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىك بولغان تىنچلىق، مۇقىملىقنى ئورتاق قوغدىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىر دۆلەتنىڭ ئىشىغا شۇ دۆلەت خەلقى ئىگە بولىدۇ، خەلقئارادىكى ئىشلارنى كۆپچىلىك مەسلىھەتلىشىپ قىلىدۇ. بىز ئافغانىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى، زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، «ئافغانىستانلىقلار يېتەكچىلىك قىلىش، ئافغانىستانلىقلار ئىگىدارلىق قىلىش» ئاساسىي پىرىنسىپنى ئىزچىللاشتۇرۇشقا ھەمكارلىشىپ، ئافغانىستاندىكى ھەر مىللەت خەلقنى دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىنى ئۆز ئالدىغا ئىگىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە كوللېكتىپ خەۋپسىزلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتى ئىككى تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى ۋە ئۆز تەسىرىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئافغانىستان مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش چوڭ يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئافغانىستاننىڭ قالايمىقانچىلىقنى توختىتىپ مۇقىملىققا قايتىپ، تىنچ قايتا قۇرۇش يولىغا مېڭىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاخىرىدا ئۆز رايونىنىڭ ئومۇميۈزلۈك خەۋپسىزلىكى، ئورتاق خەۋپسىزلىكى، ھەمكارلىق خەۋپسىزلىكى، ئۇزاق مۇددەتلىك خەۋپسىزلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ ئۈچ تۈرلۈك پىكىر - تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  بىرىنچى، ئافغانىستان ۋەزىيىتىنىڭ ئۆتكۈنچى مەزگىلدىن تېز، سىلىق ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئافغانىستاننىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ سۆزلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق سىغدۇرۇشچان سىياسىي ئورۇنلاشتۇرۇشنى بالدۇرراق ھاسىل قىلىشىنى قوللاش كېرەك. ئافغانىستان چېگراسى ئىچىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەرىكەت يۈزلىنىشىگە داۋاملىق دىققەت قىلىپ، ئافغانىستاندىكى ئالاقىدار تەرەپلەرنى قەتئىي زەربە بېرىشنى قانات يايدۇرۇشقا، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەيدىغان ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، تەلتۆكۈس يىلتىزىدىن يوقىتىشقا ئۈندەپ، ئافغانىستانغا بېكىنىۋالغان تېررورلۇق كۈچلىرىنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە ئاپەت پەيدا قىلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

  ئىككىنچى، ئافغانىستان بىلەن بولغان ئۇچرىشىش، سۆزلىشىشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئاقىلانە، ئەمەلىيەتچىل بولۇش نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ، ئافغانىستاندىكى ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇپ، ئافغانىستاندىكى يېڭى ھاكىمىيەت قۇرۇلمىسىنى تېخىمۇ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇشقا، مۆتىدىل، سالماق بولغان ئىچكى - تاشقى سىياسەتنى يۈرگۈزۈشكە، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئەتراپتىكى قوشنا دۆلەتلەر بىلەن دوستانە ئۆتۈشكە يېتەكلەش ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  ئۈچىنچى، ئافغانىستان خەلقىنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈشىگە ياردەم بېرىش كېرەك. ئافغانىستاننى ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش مەدىتى بىلەن ۋاقتىدا تەمىنلەپ، ئافغانىستان خەلقىنىڭ تەشۋىشنى پەسەيتىپ، قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ تېزدىن بىر تۈركۈم جىددىي ياردەم بېرىش ماددىي ئەشيالىرىنى ئەۋەتىدىغانلىقىنى ھەم قۇربىنىڭ يېتىشىچە تېخىمۇ كۆپ ياردەم بىلەن سىجىل تەمىنلەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئافغانىستاندىكى قىيىن ۋەزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى بەزى دۆلەتلەر ئىلگىرىكى ساۋاقلارنى يەنىمۇ قوبۇل قىلىپ، ئافغانىستاننىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدا ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن ئالاقىلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، ئافغانىستان خەلقىنىڭ پارلاق كەلگۈسىگە قاراپ مېڭىشىغا مەدەت بېرىپ، بۇ رايوننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىقى ۋە خاتىرجەملىكىنى قوغداشنى خالايدۇ.

  تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان باشلىقلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېۋ، قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جاپاروۋ، پاكىستان زۇڭلىسى ئىمران خان، ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيويېۋ، ئەرمېنىيە زۇڭلىسى پاشنىيان، بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭى لۇكاشېنكو، ئىران زۇڭتۇڭى لەيشى يىغىنغا قاتناشتى. رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، ھىندىستان زۇڭلىسى مودى سىنلىق شەكىلدە باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى.

  دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى.

  ۋاڭ يى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى سۈپىتىدە تاجىكىستاندا نەق مەيداندا يىغىنغا قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ