مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك بېيدوۋنى كۆلەملىك قوللىنىش خەلقئارا باشلىقلار يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2021.09.18 09:03 مەنبە: خەلق تورى

  9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك بېيدوۋنى كۆلەملىك قوللىنىش خەلقئارا باشلىقلار يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىر، پۈتۈن يەر شارىنىڭ رەقەملىشىش تەرەققىياتى كۈنسېرى تېزلىشىۋاتىدۇ، ۋاقىت - بوشلۇق ئۇچۇرى، ئورۇن بەلگىلەپ يول باشلاش مۇلازىمىتى مۇھىم يېڭىچە ئۇل ئەسلىھەگە ئايلاندى. بۇلتۇر 7 - ئايدا مەن بېيدوۋ 3 - نومۇرلۇق پۈتۈن يەر شارى سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىدا مۇلازىمەت قىلىش باشلانغانلىقىنى جاكارلىغاندىن بۇيان، بېيدوۋ سىستېمىسى پۈتۈن يەر شارىدىكى يېرىمدىن كۆپرەك دۆلەت ۋە رايوندا ئومۇملاشتۇرۇلۇپ قوللىنىلدى، بېيدوۋنى كۆلەملىك قوللىنىش بازارلاشتۇرۇپ، كەسىپلەشتۈرۈپ، خەلقئارالاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ھالقىلىق باسقۇچىغا كىردى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بېيدوۋ سىستېمىسى جۇڭگو خەلقىگە بەخت يارىتىدۇ، شۇنداقلا دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىدۇ. جۇڭگو ئېچىۋېتىش - بىرىكىش، ماسلىشىش - ھەمكارلىشىش، سىغدۇرۇش - ئۆزئارا تولۇقلاش، نەتىجىلەردىن ئورتاق بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرىدۇ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە بېيدوۋ سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، بېيدوۋنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، بېيدوۋ سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىنىڭ نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، پۈتۈن يەر شارىنىڭ سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بېيدوۋ سىستېمىسىنى پۈتۈن يەر شارىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلدۇرۇپ، ئىنسانىيەتكە بەخت يارىتىشىنى خالايدۇ.

  تۇنجى نۆۋەتلىك بېيدوۋنى كۆلەملىك قوللىنىش خەلقئارا باشلىقلار يىغىنى شۇ كۈنى خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ چاڭشا شەھىرىدە باشلاندى، باش تېمىسى «بېيدۋو دۇنياغا مۇلازىمەت قىلىدۇ، قوللىنىلىشى كەلگۈسى تەرەققىياتقا كۈچ قوشىدۇ».

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ