مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ 2021-يىللىق «بىر بەلباغ، بىر يول» • سەددىچىن سېپىلى خەلقئارالىق ئەلئارا مەدەنىيەت -سەنئەت بايرىمىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2021.09.17 09:03 مەنبە: خەلق تورى

  9 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2021 «بىر بەلباغ، بىر يول» . سەددىچىن سېپىلى خەلقئارا ئەل ئىچى مەدەنىيەت ـ سەنئەت بايرىمىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن رەڭدارلىققا تولىدۇ. مەن «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان سەككىز يىلدىن بۇيان، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق قاتنىشىشى ۋە تىرىشچانلىقىدا، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتا پائال نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئورتاق قۇرۇشقا قاتناشقان دۆلەتلەردىكى خەلقنىڭ بەخت ـ سائادىتىنى ئىلگىرى سۈردى، شۇنداقلا ئورتاق قۇرۇشقا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش سۆزلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى. «بىر بەلباغ، بىر يول» . سەددىچىن سېپىلى خەلقئارا ئەل ئىچى مەدەنىيەت ـ سەنئەت بايرىمىنى ئۆتكۈزۈش يىپەك يولى بىلەن ئون مىڭ چاقىرىملىق سەددىچىن سېپىلىنىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى بولۇشتەك قىممىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەل ئىچى مەدەنىيەت ـ سەنئىتىنى سەھنە بىلەن تەمىنلىدى، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇش سۆزلىشىشى ئۈچۈن كۆۋرۈك سالدى، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشتا ۋاسىتە ھاسىل قىلدى. جۇڭگو باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، سۆزلىشىش، سىغدۇرۇشچان بولۇشتەك مەدەنىيلىك قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، پەرق بولسىمۇ ئىناق ئۆتۈشتە چىڭ تۇرۇپ، گۈزەللىكلەردە ئورتاقلىشىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيلىكى، تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  2021 «بىر بەلباغ، بىر يول» . سەددىچىن سېپىلى خەلقئارا ئەل ئىچى مەدەنىيەت ـ سەنئەت بايرىمى شۇ كۈنى خېبېي ئۆلكىسىنىڭ لاڭفاڭ شەھىرىدە باشلاندى، باش تېمىسى «مەدەنىيەت ـ سەنئەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى . <بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق قۇرۇش» بولۇپ، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، خېبېي ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ