مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«ئىزدىنىش»ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى

پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرايلى ۋە ئۇنى كۈچەيتەيلى

2021.09.16 21:48 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 16-كۈنى نەشردىن چىققان 18-سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرايلى ۋە ئۇنى كۈچەيتەيلى» ماۋزۇلۇق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

  ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىك قىلىشى جۇڭگونىڭ ئەڭ چوڭ دۆلەت ئەھۋالى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى 180 نەچچە يىللىق تارىخى، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ قۇرۇلغاندىن بۇيانقى 100 يىللىق تارىخى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغاندىن بۇيانقى 70 نەچچە يىللىق تارىخى جۇڭگو كومپارتىيەسى بولمىغان بولسا، يېڭى جۇڭگو بولمايدىغانلىقىنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى بولمايدىغانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلىدى. تارىخ ۋە خەلق جۇڭگو كومپارتىيەسىنى تاللىدى. جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەڭ زور ئەۋزەللىكى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاساسى ۋە جان تومۇرى، بۇ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەنپەئەتى ۋە تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك. بىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىمىزنىڭ تۈپ يىلتىزى جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك تۈزۈمىدە. بۇ جەھەتتە مەردانە، بايرىقىمىز روشەن بولۇشى شەرت.

  ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: جۇڭگو كومپارتىيەسى ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە، ئۇ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ رەھبەرلىك يادروسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنى ئومۇمىيەتنى ئىگىلەش، ھەر قايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇش. پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە پەن-مەدەنىيەت ساھەلىرىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىدە پارتىيە ھەممىگە رەھبەرلىك قىلىدىغان ئەڭ ئالىي سىياسىي رەھبىرىي كۈچ. جۇڭگو كومپارتىيەسىدىن ئىبارەت بۇ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسىدا چىڭ تۇرۇش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەقدىرى بىلەن باغلانغان. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك، بىزنىڭ بارلىق ئىشلىرىمىز مۇشۇ ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلغان، مۇشۇ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىك ۋە ئەڭ زور ئەۋزەللىكتە يىلتىز تارتقان. نېمە ئۈچۈن دۆلىتىمىزدە داۋالغۇش بولماي، ئۇزاققىچە مۇقىملىقنى ساقلىيالىدى؟ بىزنىڭ باشتىن-ئاخىر كومپارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرغانلىقىمىز بۇنىڭدىكى تۈپ سەۋەب. پارتىيە رەھبەرلىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىدىكى مۇستەھكەم تۈۋرۈك.

  ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈمى ئېلىمىزنىڭ تۈپ رەھبەرلىك تۈزۈمى. پارتىيە رەھبەرلىكى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ كاپالىتى، ئېلىمىزنىڭ سىياسىي مۇقىملىقى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنىڭ تۈپ نۇقتىسى، بۇنىڭدىن قىلچە تەۋرىنىشكە بولمايدۇ.

  ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمەتلەرگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش تەلىپى قۇرۇق، ئابستراكت ئەمەس، ئۇنى ھەرقايسى تەرەپلەر، ھەر قايسى ھالقىلاردا ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق، بىر پۈتۈن بولۇشى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، دىپلوماتىيە خىزمىتى، پارتىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە گەۋدىلىنىشى شەرت. قايسى ساھە، قايسى تەرەپ، قايسى ھالقىدا كەمتۈكلۈك بولسا ۋە ئاجىزلاشسا، ھەممىسى پارتىيەنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىغا زىيان يەتكۈزىدۇ.

  ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: جۇڭگو كومپارتىيەسى رەھبەرلىك قىلىشنىڭ ئۆزى خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىنى قوللاش ۋە كاپالەتكە ئىگە قىلىش. پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە ئەڭ مۇھىمى تۈرلۈك مۇرەككەپ سىياسىي مۇناسىۋەتلەرنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ توغرا سىياسىي يۆنىلىشىنى باشتىن-ئاخىر ساقلاش كېرەك. يېڭى مۇساپىدە بىز چوقۇم پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ،«تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەتنى ئىلمىي، دېموكراتىك، قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئومۇمىيەتنى ئىگىلەش، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشتىكى رەھبەرلىك يادرولۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ