خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 14- چېسلا، توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىدىغان جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئىسىملىكى ئېلان قىلىندى. چېلىشىش تەنھەرىكەتچىسى رۇڭ نىڭنىڭ، ۋەلىخان سېرىك، بوكس تەنھەرىكەتچىسى توختاربېك تاڭراتقان، ۋاسكېتبول تەنھەرىكەتچىسى خەن شۈ، ۋاڭ لىلى، ساھىل ۋالىبول تەنھەرىكەتچىسى شيا شىنيى قاتارلىق 6 نەپەر شىنجاڭلىق تەنھەرىكەتچى تاللانغان.
يۇقىرىقى تەنھەرىكەتچىلەردىن باشقا، ئەسلىدىكى شىنجاڭ ئوقيا ئېتىش تەنھەرىكەتچىسى شۆ خەيفېڭ جۇڭگو ئوقيا ئېتىش كوماندىسىنىڭ تىرېنېرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەمدە ئەسلىدىكى شىنجاڭ فېيخۇ كوماندىسىنىڭ توپچىسى مۇرات ئادىلجانمۇ جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ تىرېنېرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ نۆۋەتلىك توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىدىغان جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى تىزىملىكىگە تاللاندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ