ئالتاي شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋاڭ يۇڭكۇينى پارا ئېلىش، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىش جىنايىتى بىلەن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىشنى قارار قىلدى
2021.07.15 11:27 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كۆكتوقاي ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سابىق ۋەزىپىلىك مۇئاۋىن باشلىقى، بۇرچىن ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇنىۋېرسال سوت كوللېگىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ يۇڭكۇينىڭ پارا ئېلىش، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىش جىنايىتى دېلوسىنى كۆكتوقاي ناھىيەلىك رېۋىزىيە كومىتېتى تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇرۇپ، تەپتىش ئورگىنىنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى. 7- ئاينىڭ 2- كۈنى ئالتاي شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋاڭ يۇڭكۇينى پارا ئېلىش، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىش جىنايىتى بىلەن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىشنى قارار قىلدى. دېلو يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ بېجىرىلىۋاتىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ