مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تېخىمۇ كۆپ ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك يۇقىرى قاتلام ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرىمەن

​− شىنجاڭنى ئېچىش، گۈللەندۈرۈش مېدالىغا ئېرىشكۈچى يۈ جيۇڭ توغرىسىدا

2021.05.14 13:48 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئانار بۇلۇت شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ مىن

  «ئوقۇتقۇچىلىق بىر كەسىپ، تېخىمۇ مۇھىمى پۈتكۈل ھاياتى بىلەن باغاشلاشقا تېگىشلىك ئۇلۇغ كەسىپ.» يېقىندا، شىنجاڭنى ئېچىش، گۈللەندۈرۈش مېدالىغا ئەمدىلا ئېرىشكەن شىنجاڭ داشۆ ئاسپىرانتلار شۆيۈەنىنىڭ باشلىقى يۈ جيۇڭ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ھاياجان بىلەن شۇنداق دېدى.

  يۈ جيۇڭ 1986 - يىلىدىن باشلاپ مائارىپ خىزمىتىگە ئاتلانغان بولۇپ، ئەينى چاغدىكى شىنجاڭ سانائەت شۆيۈەنى (2000 - يىلى شىنجاڭ داشۆ بىلەن بىرلەشكەن)دىن شىنجاڭ داشۆ تور مەركىزى، كومپيۇتېر مەركىزى، ئۇچۇر شۆيۈەنى، يۇمشاق دېتال شۆيۈەنىگىچە، ئاندىن بۈگۈنكى كۈندىكى ئاسپىرانتلار شۆيۈەنىگىچە، بۈگۈنگە قەدەر ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللانغىنىغا 35 يىل بولدى. 35 يىلدىن بۇيان، يۈ جيۇڭ جەمئىي 3000دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىغا دەرس بەردى ھەم «مەملىكەت بويىچە ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش نەمۇنىچىسى»، دۆلەتنىڭ «10 مىڭ كىشىلىك پىلان» ئوقۇتۇشىدىكى داڭلىق ئوقۇتقۇچى، ئاپتونوم رايون بويىچە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس، ئاپتونوم رايون بويىچە «تىيانشاندىكى باشلامچى ئىختىساس ئىگىسى» قاتارلىق شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشىپ، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولدى.

  شىنجاڭ داشۆ يۇمشاق دېتال شۆيۈەنىنىڭ باشلىقى بولغان ئون يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتا، يۈ جيۇڭ يۇمشاق دېتال شۆيۈەنى داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئەمەلىيەت مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش بازىسىنى قۇرۇپ، ئاپتونوم رايوندىكى داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنى يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلىدى؛ 100 نەچچە ئوقۇغۇچىنىڭ كۆپ تۈرلۈك يۇمشاق دېتال ئېچىش تۈرىگە قاتنىشىپ، شىنجاڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى تۈرلۈك پەن - تېخنىكا مۇسابىقىلىرىدە 30 نەچچە تۈرلۈك مۇكاپاتقا ئېرىشىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە يەتتە نەپەر مېيىپ ئوقۇغۇچى مەملىكەت بويىچە يۇمشاق دېتال لايىھەلەش مۇسابىقىسىدە كۆپ تۈرلۈك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

  بۇ مەزگىلدە، ئۇ يەنە ئۆزىنى «كېچە ئىلاھى» دەپ ئاتىۋالغان «ئويۇن شاھى»نى ئازغان يولىدىن قايتۇرۇپ كەلدى، تېنى مېيىپ ئوقۇغۇچىنىڭ يۇمشاق دېتال ئىنژېنېرى بولۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇردى...

  شۆيۈەندىكى مېڭە پارالىچى ئاسارىتى بار بىر ئوقۇغۇچى كومپيۇتېردا پىروگرامما لايىھەلەشنى ناھايىتى ياخشى كۆرەتتى، گەرچە ھەرىكىتى ئاستا بولسىمۇ، لېكىن ئۇ تىرىشچانلىق بىلەن جاپاغا چىداپ ئۆگىنەتتى. يۈ جيۇڭنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى بىلەن، بۇ ئوقۇغۇچى كۆپ تۈرلۈك يۇمشاق دېتال ئېچىش تۈرىگە قاتنىشىپ، پۈتۈن مەملىكەت خاراكتېرلىك يۇمشاق دېتال لايىھەلەش مۇسابىقىسىدە 2 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، شۇنداقلا ئەلا نەتىجە بىلەن ئىمتىھانسىز ماگىستىرلىق ئىلمىي ئۇنۋانى بويىچە ئوقۇشقا تەۋسىيە قىلىندى، ئارقىدىن ئۇ يەنە ماگىستىر - دوكتورلۇقنى قوشۇپ ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلدى.

  «بۇ يىل ئۇ دوكتورلۇقنى پۈتكۈزىدۇ، ئۇ بېيجىڭدىكى كۆپلىگەن ئالاقە تورى شىركەتلىرىنىڭ خىزمەتكە قوبۇل قىلىش تەكلىپىنى تاپشۇرۇۋالدى، ئۇنىڭ ئۆسۈپ يېتىلگەنلىكىنى كۆرۈپ، مەن ناھايىتى سۆيۈندۈم» دېدى يۈ جيۇڭ.

  دەرسخانىدا، يۈ جيۇڭ «ھەربىر دەرس چوقۇم يېڭى بولۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىدار ئورنىغا ماس كەلگەن، ئېھتىياجغا يۈزلەنگەن دەرس سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى، ئۇنىڭ دەرسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن دەرسكە ئايلاندى.

  «مەن تولۇق كۇرستا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا يۈ مۇئەللىمنىڭ دەرسىنى ئاڭلىغانىدىم، ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەندىن كېيىن، يەنە ئۇنى يېتەكچى ئوقۇتقۇچى قىلىپ تاللىدىم، دوكتورلۇقتا ئوقۇۋېتىپ، يەنە داۋاملىق ئۇنىڭ بىلەن بىللە تەتقىقات ئېلىپ باردىم» دېدى پات يېقىندا دوكتورلۇقنى پۈتكۈزىدىغان چۇ جېڭ.

  «ئوقۇتۇش بىر ۋاسىتە، ئادەم تەربىيەلەش ھەقىقىي مەقسەت.» يۈ جيۇڭ دائىم شۇنداق دەيتتى، ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىلگىرىلىگەنلىكىنى كۆرسىلا، ئۇ ئۆزىنى تولىمۇ ئۇتۇق قازانغاندەك ھېس قىلاتتى. ئۇ ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەرەققىي قىلىش يۆنىلىشىنى تېپىشىغا ياردەم قىلىشنى خالايتتى.

  2016 - يىلى 6 - ئاينىڭ ئاخىرى، يۈ جيۇڭ شىنجاڭ داشۆ ئاسپىرانتلار شۆيۈەنىنىڭ باشلىقى بولدى، شۇنىڭدىن باشلاپ، قانداق قىلىپ ئاسپىرانتلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش سۈپىتى ۋە ئوقۇتۇش سەۋىيەسىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈش يۈ جيۇڭنىڭ مۇھىم تەتقىقات تېمىسىغا ئايلاندى.

  ئېھتىياج يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پەنلەر ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەلالاشتۇرۇش، خاسلىقى روشەن، ئەۋزەللىكى گەۋدىلىك پەنلەر سىستېمىسىنى قۇرۇش، يۇقىرى قاتلام ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش كۆلەم قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئاسپىرانتلار ئارىسىدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان يېڭىلىق يارىتىدىغان ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش مېخانىزمى بەرپا قىلىش... بىر يۈرۈش ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئارقىلىق، يۈ جيۇڭنىڭ باشلامچىلىقىدا، 2020 - يىلى 9 - ئايغىچە، شىنجاڭ داشۆدە مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئاسپىرانتلارنىڭ كۆلىمى 9870 كە يېتىپ، 2016 - يىلىدىكىنىڭ 2.07 ھەسسىسىگە توغرا كەلدى؛ كەسپىي ئىلمىي ئۇنۋان بويىچە ئوقۇۋاتقان ماگىستىر ئاسپىرانتلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %57كە يېتىپ، 2016 - يىلىدىكىدىن %25 ئاشتى.

  «بىز يەنە ماگىستىر ئاسپىرانتلار مائارىپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى تاماملاپ، ئىلىم تىپىدىكى ماگىستىرلىقنى ئاساس قىلىشتىن ئىلىم تىپى بىلەن كەسىپ تىپىدىكى ماگىستىرلىققا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشكە ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق.» يۈ جيۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ، بەلگىلىك دەرىجىدە شىنجاڭنىڭ يۇقىرى قاتلام ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى تولۇقلىدى.

  يۈ جيۇڭ مۇنداق دېدى: «مەن يېڭى دەۋردىكى ئاسپىرانتلار مائارىپىنىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىپ، شىنجاڭ ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك يۇقىرى قاتلام ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىمەن».
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ