مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش رەئىسلەر يىغىنى ئاچتى

2021.05.14 13:47 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ​سىياسىي كېڭەش 12- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 16- قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىنى 5- ئاينىڭ 19- كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىش قارار قىلىندى

  5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 42 - قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى ئاچتى، يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىق سۆھبەت يىغىنىنى ئېچىشقا ئالاقىدار ئىشلار تەتقىق قىلىندى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 16 - قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىنى 5 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىش قارار قىلىندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 16 - قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالما لايىھەسى، كۈنتەرتىپى ۋە سىرتتىن قاتنىشىش دائىرىسى، تەكلىپ قىلىش دائىرىسى قاتارلىقلار قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى. رەئىسلەر يىغىنىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، بۇ قېتىمقى يىغىندا «ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى خىزمەتلەرنى چوڭقۇر ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشۇش» چۆرىدىلىپ، مەخسۇس تېمىدا ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى كېڭىشىش قانات يايدۇرۇلىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 16 - قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارارى قاراپ چىقىلىپ ماقۇللىنىدۇ؛ كادىرلار ئىشلىرىغا ئالاقىدار ئىشلار قاراپ چىقىلىپ ماقۇللىنىدۇ.

  نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ قېتىمقى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ باش تېمىسى گەۋدىلىك، قارالمىسى مۇھىم، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلىدۇ. شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرما، شىنجاڭ چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشى، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى ساقلاشتىكى ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرى. بۇ قېتىمقى يىغىننى ياخشى ئېچىشنى پۇرسەت بىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئۇزاق كەلگۈسى تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىشىغا كۈچ قوشۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

  نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش بۇ يىللىق سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدىكى بىر چوڭ ئىش، خۇشاللىنارلىق ئىش بولۇپ، بۇنىڭدا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ 70 يىلدىن بۇيان پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە بېسىپ ئۆتكەن شانلىق مۇساپىسى، قولغا كەلتۈرگەن قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئەسلەپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاشتىكى قەتئىي ئىشەنچنى مۇستەھكەملەش مەقسەت قىلىنغان. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيانقى تەسىر كۈچىگە ئىگە مۇھىم تەكلىپلەرنى تەقدىرلەشنى پۇرسەت بىلىپ، تەكلىپ بېجىرىش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، نۇقتىلىق تەكلىپلەرنى بېجىرىشكە سىجىل ھەيدەكچىلىك قىلىش خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەكلىپ بېجىرىش سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تەكلىپلەرنىڭ «14 - بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا مۇلازىمەت قىلىش، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشى، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىغا كۈچ قوشۇش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان مۇنەۋۋەر ئەزالارنى تەقدىرلەشنى پۇرسەت بىلىپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە ئائىت تۈزۈمنى چىڭ تۇتۇپ تۈزۈپ، رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن چەكلەشنى تەڭ يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن يىللىق مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش دوكلاتىنى تاپشۇرۇشقا، ئەزالارنى ئەستايىدىللىق بىلەن يىللىق «ئەزالار تاپشۇرۇقى»نى تاپشۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ