مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

​باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قەلبلەرنى مۇجەسسەملەش، كۈچ توپلاش كېرەك

2021.05.14 13:41 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتى نىزامى»نى مەخسۇس تېمىدا ئۆگەندى

  ​باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قەلبلەرنى مۇجەسسەملەش، كۈچ توپلاش كېرەك​

  چېن چۈەنگو رىياسەتچىلىك قىلدى تەن تيەنشىڭ دوكلات بەردى​

  شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن قاتناشتى

  5 - ئاينىڭ 11 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى مەخسۇس تېمىدا ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز بىرلىك سەپ خىزمىتى يىغىنى، مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى ۋە مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، ئۆزلەشتۈردى، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتى نىزامى»نى چوڭقۇر ئۆگەندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو ئۆگىنىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى تەن تيەنشىڭ مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيە دوكلاتى بېرىپ، «نىزام»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى، جەريانى ۋە ئەھمىيىتى، يېڭى دەۋردىكى بىرلىك سەپ خىزمىتىنىڭ مۇھىم ئورنى، رولىنى تولۇق تونۇش، پارتىيەنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ۋە كۈچەش مۇھىم نۇقتىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، پارتىيە سىرتىدىكى ۋەكىل زاتلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، «نىزام»نىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىنى پۇختا ياخشى ئىشلەش قاتارلىق ئالتە جەھەتتىن باش تېمىسى روشەن، سىستېمىلىق، ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر، تولۇق چۈشەنچە بەردى.

  شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، شۈ خەيرۇڭ، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، ۋاڭ مىڭشەن يىغىنغا قاتناشتى.

  چېن چۈەنگو سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىرلىك سەپ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆز قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، بىرلىك سەپكە ئائىت بىر قاتار مۇھىم، زور نەزەرىيەۋى ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەرگە ئىلمىي جاۋاب بەردى، بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى بىرلىك سەپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتى نىزامى» يېڭى دەۋردىكى بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئاساسىي مىزانى. ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە «نىزام»دىكى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرمىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى بىرلىك سەپنىڭ تارىخىي ئورنىنى ئىگىلەپ، بىرلىك سەپ خىزمىتىنىڭ بۇرچ - ۋەزىپىسىنى چىڭ كۆزلەپ، جاسارەت بىلەن شىنجاڭنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى ۋە «نىزام»نىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئەڭ زور چەكتە قەلبلەرنى مۇجەسسەملەپ، كۈچ توپلاپ، شىنجاڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك. توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى مۇستەھكەملەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك، سوتسىيالىزم بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەركەزنى چۆرىدەش، چوڭ ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بۈيۈك ئىتتىپاقلىق، بۈيۈك بىرلىشىشتە چىڭ تۇرۇپ، بىردەكلىك بىلەن كۆپ خىللىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەڭ كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى ۋە «نىزام»نىڭ روھىنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى ۋە ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك ئۆگىنىش، ئوقۇتۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە كىرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، سىياسىي ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، شەكلى ھەرخىل، مەزمۇنى مول ئاممىۋى خاراكتېرلىك باش تېما تەشۋىقات - تەربىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە يېتەكلەش كېرەك؛ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مىللەت سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ ئالاقىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا يېتەكلەپ، دىنلارنىڭ ئېجىل - ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ چاۋمىنلار ئىشلىرى خىزمىتىنى پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ياخشى تاشقى مۇھىت يارىتىپ، ئاكتىپ كۈچنى ئۈزلۈكسىز زورايتىش كېرەك؛ بىرلىك سەپنىڭ باشقا ساھەلەردىكى خىزمەتلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئەڭ زور چەكتە قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيەنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇش كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەشكىلىي رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى ۋە «نىزام» روھىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى سىياسىي مەسئۇلىيەت ۋە سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىشى، پارتىيە كومىتېتىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار بىرىنچى مەسئۇل كىشىلىك مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئادا قىلىشى، بىرلىك سەپ خىزمىتىنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلىشى كېرەك؛ پارتىيە كومىتېتى بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، بىرلىك سەپ تارماقلىرى باشلامچىلىق بىلەن ماسلاشتۇرىدىغان، ئالاقىدار تەرەپلەر ھەركىم ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان بىرلىك سەپ خىزمىتى چوڭ ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان ياخشى ۋەزىيەت شەكىللەندۈرۈش كېرەك؛ سىياسىي قۇرۇلۇشنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىرلىك سەپ تارماقلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ سىياسىي جەھەتتە مۇستەھكەم، كەسىپكە پىششىق، ئىستىلدا قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بىرلىك سەپ كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىش كېرەك.

  مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ھەرقايسى ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر)لەرگىچە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەن رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا ئەزا ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى قاتارلىقلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا ئۆگىنىشكە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ