باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا مۇھىت ئاسراش نىزامىغا 3- قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى

مۇھىت ئاسراشتىكى قانۇنسىز قىلمىشلارنى جازالاش سالمىقى زورايتىلدى

2016.12.19 16:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، شىنجاڭدا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇھىت ئاسراش نىزامى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، 2017- يىلى 1- ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. بۇ «نىزام» شىنجاڭنىڭ مۇھىت ئاسراش قانۇنى چىقىرىشىدىكى 3- قېتىملىق تەڭشەش بولۇپ، ئۇنىڭدا بۇ نىزامنى ئۈستۈنكى قاتلامدىكى قانۇنلار بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش مۇكەممەللەشتۈرۈلگەندىن باشقا، يەنە مۇھىت قوغداشتىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى جازالاش ۋە مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش سالمىقى زورايتىلدى.

  «نىزام»دا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارماقلىرى «نىزام»غا خىلاپلىق قىلغاندا، بىۋاسىتە مەسئۇل بولغان ئاساسلىق باشقۇرغۇچى خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ. دۆلەتنىڭ كەسىپ سىياسىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان، سۇ مۇھىتىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغايدىغان ئىشلەپچىقىرىش تۈرلىرىنى بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە ئەمەلدىن قالدۇرمىغاندا، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكار خادىملارغا گۇناھ يېزىش، چوڭ گۇناھ يېزىش ياكى ئەمەل دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش چارىسى كۆرۈلىدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان بولسا, ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى خىزمەتتىن قوغلاش جازاسى بېرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە, مەزكۇر «نىزام» 1996- يىلى ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا 2005- يىلى ۋە 2011- يىلى ئىككى قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر