باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جاڭ جىماۋ ۋە سىدىق ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۆت ئەۋلاد داۋاملاشقان قېرىنداشلىق مېھرى

2016.12.16 14:55         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ساۋ شىنجيا

  11 – ئاينىڭ 20 – كۈنى، قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى شىمالىي شەھەر ئەتراپى يولى خۇيزېيۈەن ئولتۇراق رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق 15 ياشلىق ئاتىكەم سىدىق دېرىزە تەكچىسىگە يۆلەنگىنىچە سىرتقا قاراۋاتاتتى، ئۇ كىمدۇر بىرىنى ساقلاۋاتقاندەك قىلاتتى. ئىككى پىكاپ بىنانىڭ ئالدىدا توختىدى، ئاتىكەم سىدىقنىڭ كۆزلىرى چاقناپ كەتتى، ئۇ چاپىنىنىمۇ كىيىشكە ئۈلگۈرمەستىن سىرتقا قاراپ يۈگۈردى.

  پىكاپ توختاپ ئىچىدىن بىر بوۋاي ۋە ئوتتۇرا ياشلىق بىر جۈپ ئەر – خوتۇن چۈشتى، بالا يېتىلىۋالغان بىر ياش يىگىتمۇ بار ئىدى. ئاتىكەم سىدىق ‹‹دادا!›› دېگىنىچە يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئوتتۇرا ياشلىق ئەر بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى. پاھ، قىزىمنىڭ بويى يەنە ئۆسۈپتىغۇ، دېدى دادا خۇشال بولۇپ.

  كۆپچىلىك ئاتىكەم سىدىقنىڭ باشلىشى بىلەن ئۆيگە كىردى. ئۇلار ئۆيگە كىرىشى بىلەن ئاتىكەم سىدىقنىڭ ئاتا – ئانىسى ئاشخانا ئۆيدىن چىقتى ۋە ئوتتۇرا ياشلىق ئەر بىلەن ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەشكىنىچە قىزغىن ئەھۋاللاشتى.

  ئوتتۇرا ياشلىق بۇ ئەر ئېۋىرغول رايونى ئاقتاش يېزىسى نامداۋان كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ جىماۋ ئىدى. ئاتىكەم سىدىقنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمى سىدىق بەكرى. جاڭ جىماۋ بىلەن سىدىق بەكرى كىچىكىدىن باشلاپ ئاقتاش يېزىسىدا بىللە چوڭ بولغان قېرىنداشلاردىن بولۇپ، بۇ ئىككى ئائىلىنىڭ قېرىنداشلىق مېھرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقىنىغا تۆت ئەۋلاد بولغانىدى.

  1986 – يىلى ھۆكۈمەتنىڭ كۆچۈرۈش سىياسىتىگە ئاۋاز قوشۇش ئۈچۈن، بۇ ئىككى ئائىلە تاغلىق رايوندىن ھازىرقى ئېۋىرغول رايونىدىكى زامانىۋى يېزا ئىگىلىك باغچە رايونىغا كۆچۈپ كېلىپ، تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللاندى.

  بەش يىل ئىلگىرى، سىدىق بەكرىنىڭ دادىسى تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن، ئەر – خوتۇن ئىككىيلەن قومۇل ئورمان ئەھيا قىلىش شىركىتىگە ئىشچىلىققا قوبۇل قىلىندى ھەم ئۇلارغا خۇيزېيۈەن ئولتۇراق رايونىدىن 50 كىۋادرات مېتىرلىق بىنا ئۆي تەقسىم قىلىندى.

  بىز كۆچۈپ كەتكەندىن كېيىن، گەرچە جاڭ جىماۋ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئىلگىرىكىدەك كۈندە كۆرۈشۈپ تۇرالمىساقمۇ، قېرىنداشلىق مېھرىمىزگە قىلچە تەسىر يەتمىدى، دېدى سىدىق بەكرى.

  ھازىر جاڭ جىماۋنىڭ ئوغلى بىلەن قىزى خىزمەتكە چىقىپ، ئۆي – ئوچاقلىق بولدى. ئۇلار ۋاقىت بولسىلا دائىم دادىسى بىلەن بىللە سىدىق بەكرىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى يوقلاپ بارىدۇ. جاڭ جىماۋنىڭ نەۋرىسى سىدىق بەكرىنىڭ كىچىك قىزى بىلەن تەڭ دېمەتلىك بولۇپ، ھەر قېتىم كۆرۈشكەندە ناھايىتى خۇشال ئوينايدۇ.

  جاڭ ئاكامغا پىكرىم بار، ئۇ ئۇيغۇر تىلىنى راۋان سۆزلەيدۇ، لېكىن ماڭا خەنزۇ تىلىنى ئۆگىتىپ قويمىدى، بىر نەچچە يىلدىن بۇيان يەڭگەم بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشتا قىينالدىم، ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى پاراڭلارنى قىلىشقىنىمىزدا قىزىم تەرجىمانىم بولىدۇ، دېدى سىدىق بەكرىنىڭ ئايالى كۆڭلىدىكى ‹‹نارازىلىقى››نى بىلدۈرۈپ. سىدىق بەكرىنىڭ ئايالى جاڭ جىماۋنىڭ ئايالىغا سوۋغات ھەدىيە قىلىشنى پەقەت ئۇنتۇپ قالمايدۇ. مېنىڭ بىر نەچچە شارپا، پەلىيىمنى كېلىن سىڭلىم سوۋغا قىلغان، دېدى جاڭ جىماۋنىڭ ئايالى خۇش بولۇپ.

  دادام ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› تىن ئىبارەت بۇ كۈچ ئۇلاش تاياقچىسىنى ماڭا تاپشۇردى، مەن بۇ تاياقچىنى بالىلىرىمغا تاپشۇرىمەن. تۇغقانلار ئۆزئارا ئىزدىشىپ، سىردىشىپ تۇرسا مېھىر رىشتىمىز ئۈزۈلمەيدۇ، بالىلىرىمنىمۇ بۇ تۇغقانلىرىم بىلەن بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتۈشكە ھەر ۋاقىت ئۈندەيمەن، دېدى جاڭ جىماۋ.

  

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر