يېقىندا ئېچىلغان ج ك پ 18– نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4– ئومۇمىي يىغىنىدا دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 8 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدىمۇ شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرىلىتىپ، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنىدىغان شىنجاڭ قۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇلار شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قەدىمىنى تېزلىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
شىنجاڭدا يېقىندىن بۇيان يۈز بەرگەن زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىغا قاتناشقانلار قانۇن تورىغا چۈشكەندىن كېيىن قانۇننىڭ مۇقەددەسلىكىنى، قانۇنغا چېقىلغان ھەرقانداق ئادەمنىڭ قانۇننىڭ جازاسىدىن قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغانلىقىنى، قانۇن ئېڭىنىڭ ناھايىتى تۆۋەنلىكى سەۋەبىدىن تۇيق يولغا كىرىپ قالغانلىقىنى بايان قىلىشتى. ئۇلارنىڭ قانۇن ئېڭىنىڭ شۇنچە تۆۋەنلىكى، شۇنچىلىك ساختا گەپلەرگىمۇ ئاسانلا ئىشىنىپ، جىنايەت يولىغا ماڭغانلىقى بىزگە خىزمىتىمىزنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىقىنى، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى ھېس قىلدۇردى.
مېنىڭچە، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك تېزلىتىش ئۈچۈن، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشكە كۆپ كۈچ چىقىرىش، پۈتكۈل جەمئىيەتتە قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئېڭى تۇرغۇزۇش كېرەك. پۇقرالارنىڭ ئاساسىي قانۇن ئېڭىنى كىچىكىدىن، يەنى باشلانغۇچ مائارىپى باسقۇچىدىن باشلاپ بارا – بارا كۈچەيتىپ مېڭىش كېرەك. قانۇن تەشۋىقاتىنىڭ مەكتەپلەردە چوڭقۇرلىشىشى، كۈچەيتىلىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش ئۈچۈن، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بۇنىڭدا ئالدى بىلەن ئاساسىي قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش شەرت، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ شىنجاڭدا ئومۇميۈزلۈك، توغرا يولغا قويۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئاچقۇچى، شۇڭا قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملار ئارىسىدىمۇ قانۇنچىلىق ئېڭىنى كۈچەيتىشىمىز، قانۇن ئارقىلىق ئىش قىلىپ قانۇننىڭ ئىززىتىنى قوغدايدىغان، قانۇن ئارقىلىق پۇقرالارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان، قانۇن بويىچە جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىدىغان يۇقىرى ساپالىق قانۇن ئىجراچىلىرى قوشۇنىنى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.
مەنبە: شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى