دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى يولغا قويۇش، ئىشقا ئاشۇرۇش پەقەت دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ۋەزىپىسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى دۆلىتىمىزدىكى خەلق ئاممىسىنىڭمۇ مۇھىم ۋەزىپىسى، شۇنىڭدەك بۇ ھەربىر پۇقرانىڭ مەنپەئەتى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولغان مۇھىم ئىش. پۇقرالارنىڭ قانۇن ئېڭىنىڭ يۇقىرى – تۆۋەن بولۇشى دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاساسلىق ھالقا.
ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 8 ـ ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا قانۇن ئىدارە قىلىدىغان شىنجاڭ قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى پۇختا كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قانۇن ئېڭىنى ئۆستۈرۈش تېخىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇنىڭ ئۇچۇن شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا ئالدى بىلەن پۇقرالارنىڭ قانۇن ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئۆستۈرۈش خىزمىتىنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ ئىشلەش ۋە كۈچەيتىش كېرەك.
يېقىندىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا زور ئىلگىرىلەشلەر بولغان بولسىمۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى تەرەققىي قىلغان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭكىگە سېلىشتۇرغاندا يەنىلا ئارقىدا. مەلۇم نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىر رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋالى شۇ رايوندىكى پۇقرالارنىڭ قانۇن ئېڭىنىڭ قانچىلىكلىكى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بەزى ناھىيە، يېزا – قىشلاقلىرىدا تەبىئىي شارائىت ناچار، قاتناش قولايسىز، ئالاقە ئىشلىرى راۋان بولماسلىقتەك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، شۇ يەردىكى ئامما قانۇن ئۇچۇرلىرىغا ئىگە بولۇشتا نۇرغۇن چەكلىمىگە ئۇچرىماقتا. بۇ مۇقەررەر ھالدا ئۇلارنىڭ قانۇن ئېڭىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ؛ ئاپتونوم رايونىمىزدا ئازسانلىق مىللەتلەر تىل ـ يېزىقىدىكى قانۇنغا ئائىت ماتېرىياللارنىڭ كەمچىل بولۇشى، تەرجىمە ماتېرىياللىرىنىڭ يېتىشىپ ماڭالماسلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر ئازسانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ قانۇن ئېڭىنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر يەتكۈزمەكتە.
يېقىندىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزدا يۈز بەرگەن كىشىنى نەپرەتلەندۈرىدىغان، كىشىنىڭ غەزىپىنى قوزغايدىغان زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك دېلولىرىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، تېررورلۇق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار قانۇن ئېڭى تۆۋەن ياشلار ـ ئۆسمۈرلەرنى قايمۇقتۇرۇپ جىنايەت يولىغا باشلىغان. ئاپتونوم رايونىمىزدا پۇقرالارنىڭ قانۇن ئېڭىنى ئۆستۈرۈش تېررورلۇق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى كۈرەشتە كەم بولسا بولمايدۇ. ھازىر بەزى كىشىلەر قانۇننى ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتسىز دەپ قاراپ، پۇل بولسىلا، يۇقىرى بىلەن مۇناسىۋىتى ياخشى بولسىلا، ئۆزلىرى يولۇققان ھەرقانداق قانۇنىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ، دەپ ئويلايدۇ. شۇڭا، پۇقرالارنىڭ قانۇن ئېڭىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، يۇقىرىقىدەك خاتا ئىدىيەلەرگە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قارشى تۇرغىلى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
مېنىڭ ئاممىغا دەيدىغىنىم، قانۇننىڭ ئادالەتنى، ھەققانىيەتنى ياقىلايدىغان، قوغدايدىغان مۇھىم قورال ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالمايلى، ناھەقچىلىككە يولۇققاندا قانۇن قورالىدىن ياخشى پايدىلىنىشنى ئۆگىنىۋالايلى، قانۇننىڭ بىزگە ھەر ۋاقىت ياخشى ھەمراھ ئىكەنلىكىنى ئېسىمىزدە چىڭ تۇتۇپ، ئامال قىلىپ قانۇن بىلىملىرىنى ياخشى ئۆگىنەيلى.
مەنبە: شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى