خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىنجاڭ خوتەننىڭ كېرىيە ناھىيەسىدە 12-چېسلا 7.3 بال يەر تەۋرىدى، ھازىرچە ئۆلۈم-يىتىم ۋە مۈلۈك زىيىنى دوكلاتى يوق. كىرىيە ناھىيەسى بازىرىدىكى ئامما بىخەتەر جايغا تارقاقلاشتۇرۇلدى.
تولۇق بولمىغان ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇ رايوننىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى يەر تەۋرەش ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە: 2008-يىلى 7.3 بال يەر تەۋرىگەن، 2011-يىلى 5.5 بال يەر تەۋرىگەن، 2012-يىلى 6.2 بال يەر تەۋرىگەن.
مەنبە: خەلق تورى