مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋاكسىنا ئەملىمىگەن ياشانغانلار يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسقا قانداق تاقابىل تۇرۇشى كېرەك؟ مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق ئەسكەرتتى!

2022.05.07 21:51 مەنبە: تىيانشان تورى

نۆۋەتتە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى ئەملەش يەنىلا يۇقۇملانغاندىن كېيىن كېسەل ئېغىرلىشىپ كېتىش ۋە ئۆلۈپ كېتىش يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ياخشى بىر تۈرلۈك تەدبىر.



بىرىنچى، ۋاكسىنا ئەملەشنىڭ ئۈنۈمدارلىقى. بىز شۇنى كۆردۇقكى، ۋاكسىنا كېسەلنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىش ۋە ئۆلۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتىكى ئۈنۈمى يەنىلا ناھايىتى كۆرۈنەرلىك.

ئىككىنچى، ۋاكسىنا ئەملەش ئەمەلىيەتتە باشقا تەدبىرلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ئاددىي ھەم ئەپچىل.

ئۈچىنچى، ياشانغانلارنىڭ خاس ئىممۇنىتېت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە ۋاكسىنا ئەملەش ئەڭ ياخشى ئۇسۇل.

ئالاھىدە ئەھۋال سەۋەبلىك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى ئەملەشكە بولمايدىغان ياكى ۋاقتىنچە ئەملەشكە بولمايدىغان بىر قىسىم ياشانغانلار تۆۋەندىكىدەك مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرىنى قوللانسا بولىدۇ.

بىرىنچى، يۇقۇم تارقالغان مەزگىلىدە ياكى يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلگەندە، ياشانغانلار ئامال بار كىشىلەر توپلاشقان مەيدان- سورۇنلارغا بارماسلىقى، ناتونۇش كىشىلەر ياكى سىرتتىن كەلگەنلەر بىلەن ئۇچرىشىشنى ئازايتىشى كېرەك.

ئىككىنچى، ئەگەر ئۆي ئىچى ئاممىۋى سورۇنلىرىغا بارغاندا ياكى ئاممىۋى قاتناش قوراللىرىغا ئولتۇرغاندا ۋە ياكى ناتونۇش كىشىلەر بىلەن ئۇچراشقاندا چوقۇم ماسكا تاقىۋېلىش كېرەك.

ئۈچىنچى، قولنى پاكىز تۇتۇش، يەنى قولنى پات پات يۇيۇش ياكى دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى بىلەن قولىنىڭ تازىلىقىنى ياخشى قىلىش. ئەگەر قولغا ۋىرۇس يۇققاندا، قول بىلەن ئېغىز، بۇرۇن ياكى كۆزنى تۇتسا، ئاسانلايۇقۇملىنىپ قالىدۇ، شۇڭا قول تازىلىقىنى ياخشى قىلىش ئىنتايىن مۇھىم.

تۆتىنچى، ئەگەر شارائىت يار بەرسە، ھەر كۈنى دېرىزىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇپ، ئۆي ئىچى ھاۋاسىنىڭ ساپلىقىنى ساقلاش كېرەك.

بەشىنچى، ياشانغانلارنى ياخشى قوغداش كېرەك، ياشانغانلارنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ شەخسىي مۇداپىئەلىنىشنى ياخشى قىلىشىمۇ ئىنتايىن مۇھىم، بولۇپمۇ ئائىلىسىدىكىلەر ۋە ياشانغانلار بىلەن ئۇچرىشىدىغان باشقا كىشىلەر يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى ئەملىشى كېرەك.

ئالتىنچى، ئەگەر سىزنىڭ ساغلاملىق كودىڭىز ۋە يۈرۈش كودىڭىزدا نورمالسىزلىق كۆرۈلسە، ياشانغانلار بىلەن ئۇچراشماسلىقىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز، ئەگەر يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ قالسىڭىز، ياشانغانلارغا يۇقتۇرۇپ قويىسىز، بۇنىڭ خەتىرى ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ.

مۇتەخەسسىسلەر ئەسكەرتمىسى

ۋاكسىنا ئەملەپ ئېرىشكەن ئىممۇنىتېت كۈچى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ ئالاھىدە ئىممۇنىتېتىغا قارىتىلغان بولۇپ، 60 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلار ئەملەشكە مۇۋاپىق كەلسىلا، كېچىكتۈرۈپ ئەملەش ئوبيېكتى بولمىسىلا، دەرھال ۋاكسىنا ئەملەش ھەم بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئارىلىقى بويىچە كۈچەيتىش ۋاكسىنىسىنى ئەملىتىپ، ياشانغان دوستلاردا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرىدىغان ئالاھىدە ئىممۇنىتېت كۈچى پەيدا قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى ئەملىمىگەن ياشانغانلار دىققەت قىلىڭلار:

ئەگەر ۋاكسىنا ئەملەش تەلىپىگە ئۇيغۇن بولسىلا، بالدۇرراق ۋاكسىنا ئەملىتىپ، پۈتۈن جەريانلىق ۋاكسىنا ئەملىتىپ، كۈچەيتىش ۋاكسىنىسىنى ئەملىتىپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسىغا تاقابىل تۇرۇڭلار!

بۇنىڭدىن باشقا، ياشانغانلار ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە ساغلاملىق، مۇداپىئەلىنىشنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك، بۇ ھەم ئۆزىنى قوغداپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى مۇھىم ۋاسىتە.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ